شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 11-قېتىملىق شۇرا يىغىنى 28-، 29-دېكابىر كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا 2024-يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، بىر يىللىق خىزمەت جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئۆلىمالارنىڭ رولى، ئۆلىمالار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار، مۇھاجىرەتتە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.
29-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان دەۋاسنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى، بىرلىك ئەزالىرى ۋە خەلقتىن تاپشۇرۇۋالغان تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا، ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئىلگىرىكى نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. ئاخىردا تۈزىتىلگەن نىزامنامە ئاۋازغا قويۇلۇپ، بىرلىك ئەزالىرىنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن ماقۇللاندى.
بۇ قېتىملىق يىغىندا ياشلارنى يېتەكلەش مەقسىتىدە ئۆلىمالار بىرلىكىگە يېڭىدىن «ياشلارنى يېتەكلەش بۆلۈمى» تەسىس قىلىندى. بىرلىكنىڭ قارمىقىدىكى دەۋەت بۆلۈمى، پەتىۋا بۆلۈمى، تەلىم-تەربىيە بۆلۈمى، بايانات بۆلۈمى، ئىقتىساد بۆلۈمى، تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمى، تەتقىقات بۆلۈمى ئەزالىرى ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم مۇزاكىرە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ جەرياندا ھەرقايسى بۆلۈملەر 2025-يىللىق خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقتى.
ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا مۇزاكىرىلەرگە ئاساسەن، ئۆلىمالار بىرلىكى 2025-يىلىدا ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان خىزمەتلەر ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلدى.
قاراردا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئېتىقادى، ئەخلاق-پەزىلەتلىرى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىنىڭ قوغدىلىشى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتى ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى، ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ خىزمىتىنى جانلاندۇرۇپ، تۈركىيە سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىدىغانلىقى، خەلق بىلەن ئۆلىمالارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچلەندۈرۈش ھەرىكىتىنى جانلاندۇرىدىغانلىقى، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مەكتەپ ۋە مەدرىسەلىرىدە دىنىي، مىللىي قىممەت قاراش ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قەرەللىك تەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەيدىغانلىقى، دەۋەت ئۇسلۇبى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ قەلبىگە دىن، ۋەتەن ۋە مىللەت تۇيغۇسىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقى، ھەر قايسى دەرىجىلىك مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قاراتمىلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقى تەكىتلەندى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ