ئۇيغۇر قوماندان سۇرىيەدە دىۋىزىيە گېنېراللىقىغا تەيىنلەندى

سۇرىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى شام شۆبىسىنىڭ ھەربىي قوماندانى ئابدۇلئەزىز داۋۇت (زاھىد) سۇرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 133-دىۋىزىيە گېنېرالى بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇندىن باشقا، ئابدۇسالام ياسىن ئەھمەد ۋە مەۋلان تۇرسۇن ئابدۇسەمەت پولكونىك ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

گېنېرال زاھىد 1977-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ شەھىرىدىكى دىندار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1996-يىلى قۇرئان كەرىمنى تاماملاپ مۇرەتتەپ قارى بولغان. 2021-يىلى سۇرىيەدە ھەربىي فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، 2011-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر ھەربىي مەسئۇل ۋە قوماندانلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گېنېرال زاھىد 1996-يىلىدىن باشلاپ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەرنى داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، 2011-يىلىدىن باشلاپ تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنىڭ مەسئۇلى بولغان، كېيىن سۇرىيەدە قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بۇ جەرياندا 2013-يىلى ھەلەب شەھىرى ئەتراپىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەربىي گازارمىلارنى قايتۇرۇپ ئېلىش،  2015-يىلىدىكى جىسىر شۇغۇر شەھىرى ۋە ئەبۇ زۇھۇر ھەربىي ئايرودۇرۇمىنى قايتۇرۇۋېلىش، 2016-يىلىدىكى ھەلەب شەھىرى مۇھاسىرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈش، 2018-يىلىدىكى سۇراقىبنىڭ شەرقىي شىمالىي رايونى جېڭى، 2020-يىلىدىكى نېيرابنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە جەبەل زاۋىيە رايونلىرىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك جەڭلەردە ھەربىي قوماندان بولۇپ، نەتىجىسى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. 2024-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلانغان «تاجاۋۇزچىلارنى چېكىندۈرۈش» ھەربىي ھەرىكىتىدە ئىدلىب فىرونتنىڭ باش قوماندانى بولغان. پايتەخت دەمەشقنى فەتھى قىلىش ئۈچۈن يول ئېچىشقا سەۋەب بولغان ئىدلىبنىڭ جەنۇبىي ھاما ۋە ھومۇس ۋىلايەتلىرىدىكى جەڭلەرگە بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىپ، ئالەمشۇمۇل ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن.

تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ سۇرىيەنىڭ شام شۆبىسى سۇرىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقىنىغا ئون يىلدىن ئاشقان بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر باستۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق تېررور سىياسىتى سەۋەبلىك  قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقان. بۇ جەرياندا ئەمەلىي جەڭ ماھارىتى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىدە سۇرىيە خەلقىنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى جەڭلەرگە رەھبەرلىك قىلغان ھەيئەتۇ تەھرىرۇششام بىلەن بىرگە جىھاد قىلغان. جامائەت يېقىنقى كۈنلەردە تەشۋىقات پائالىيىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ھەيئەتۇ تەھرىرۇششام بىلەن بىرگە تۈرلۈك جەڭلەرگە قاتناشقان.

11-ئاينىڭ ئاخىرىدا سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ھۇجۇمى قوزغىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا،  تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ئەسەد قىسىملىرىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سىنلار تارقالغانىدى. يەنە بىر سىندا  بولسا ئۇلارنىڭ تانكا ھەيدەپ، ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كۆك بايراقلارنى لەپىلدەتكەن ھالدا دەمەشققە كىرگەنلىكى كۆرسىتىلگەنىدى. سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى بويىچە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەيمەن جەۋاد ئەل تەمىمىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، سۇرىيە قوزغىلاڭچىلارنىڭ غەلىبىسىدە تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى كۆرۈنەرلىك  رول ئالغان.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىشى ۋە ھەيئەتۇ تەھرىرۇششامنىڭ سۇرىيەنىڭ ھاكىمىيىتىنى قولغا ئېلىشى دۇنيادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان بىر پەيتتە، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ قوشۇن سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى ۋە خىتايغا قارشى باياناتلىرى خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1949 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2024 17:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق