شەرقىي تۈركىستاندىن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا تۇتاشتۇرۇلىدىغان تۆمۈر يول تۈرى قوزغىتىلدى

شەرقىي تۈركىستاندىن قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا تۇتاشتۇرۇلىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇش تۈرىنى قوزغىتىش مۇراسىمى 27-دېكابىر قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ 30 يىلغا يېقىن پىلانلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى 2023-يىلى 18-مايدىن 19-مايغىچە شەنشىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا «خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولى» تۈرى ھەققىدە بىرلىك ھاسىل قىلىنغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 2024-يىلى 6-ئىيۇن بېيجىڭدا ئاتالمىش «خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئۈچ تەرەپ ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىمىنىڭ ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا قارىغاندا، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى 2025-يىلى 7-ئايدا رەسمىي باشلىنىدىكەن، قۇرۇلۇش ۋاقتى ئالتە يىل ئىكەن. مەزكۇر تۆمۈر يول قەشقەردىن باشلىنىپ، قىرغىزىستان ئارقىلىق ئۆزبېكىستان تەۋەسىگە كىرىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 523 كىلومېتىر كېلىدىكەن. خەۋەردە شەرقىي تۈركىستاندىن ۋە خىتايدىن توشۇلغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ بۇ تۆمۈر يول ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تېخىمۇ تېز ۋە قولايلىق يېتىپ بارالايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بولۇپ، سودا، ھەربىي، سىياسىي، ئاخبارات، مائارىپ قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە چېتىلماقتا. خىتاي بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە خىتايغا قارشى ئاۋازلارنى بېسىقتۇرۇشقا، خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 2024-يىللىق دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەنلىكى، بۇ دۆلەتتىكى ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەمكارلىق مېخانىزمىدىن پايدىلانغانلىقى قەيت قىلىنغانىدى.

بۇ خەۋەر 1219 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2024 17:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق