خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى سانائىتى پاكىستانغا يۈزلەنمەكتە

خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى ساھەسى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازارلىرىدا چەكلىمىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، پاكىستانغا يۈزلىنىشكە باشلىغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىلىشقا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تەدبىرلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى سەۋەبلىك، پاكىستان بازىرىغا ئېقىشقا باشلىغان. خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە تاختىسى ۋە ئۇلارنىڭ مۇھىم زاپچاسلىرى پاكىستانغا يۈزلەنگەن بولۇپ، دۇنيادىكى ئالتىنچى چوڭ قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيە بازىرىغا ئايلانغان.

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيەسى قاتارلىق مۇھىم زاپچاسلارغا يۇقىرى تاموژنا بېجى قويغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرى دىققىتىنى پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى باشقا دۆلەتلەرگە قاراتقان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 2021-يىلىدىن بۇيانقى تۆت يىل ئىچىدە خىتاي پاكىستانغا تۆت مىليارد 100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قۇياش ئېنېرگىيەسى مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلغان بولۇپ، بۇ تۇرالغۇ، سانائەت، سودا ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى 27 مىڭ مېگاۋات قۇياش ئېنېرگىيە باتارېيەسى بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ پاكىستاننىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسىگە بولغان ئېھتىياجىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئىسلامئابادتىكى ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت ئەقىل ئامبىرى يېقىندا ئېلان قىلغان «قايتا ھاسىل بولىدىغان بىرىنچى ئېنېرگىيە» ناملىق تەتقىقات دوكلاتىدا ئېيتىلىشچە، بۇ تەرەققىيات پاكىستاننى دۇنيادىكى ئالتىنچى چوڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى بازىرىغا ئايلاندۇرغان بولۇپ، پاكىستان بۇ ساھەدە خىتاينىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئېكسپورت بازىرىغا ئايلانغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1160 قېتىم كۆرۈلدى
30/12/2024 17:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق