تىرامپ TikTok نى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇننى توختىتىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان دونالد تىرامپ مەيدانىنى ئۆزگەرتىپ، خىتاي شىركىتىTikTok نى ئامېرىكىدا پۈتۈنلەي چەكلىشى مۇمكىن بولغان قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىش مۆھلىتىنى كېچىكتۈرۈش ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ھەققىدە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە تەلەپ سۇندى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ 27-دېكابىر بىر قىسقا شىكايەتنامە سۇنۇپ، ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىدىن TikTok نى چەكلەشكە ئالاقىدار قانۇننى ۋاقتىنچە توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، ئەگەر TikTok سۇپىسى خىتايدىكى ئانا شىركىتى ByteDance تەرىپىدىن مەلۇم ئامېرىكا شىركىتىگە سېتىۋېتىلمىسە، ئامېرىكىدىكى تىجارىتى پۈتۈنلەي چەكلىنەتتى. مەزكۇر قانۇندا بېرىلگەن ئاخىرقى مۆھلەت 20-يانۋار، يەنى تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئىدى.

تىرامپنىڭ قانۇن گۇرۇپپىسى بۇ ھەقتىكى خېتىدە TikTok مەسىلىسىنىڭ قىيىن ۋە يېڭى دۇچ كەلگەن مەسىلە ئىكەنلىكىنى، سوت مەھكىمىسى بەلگىلەنگەن مۆھلەتنى تېخىمۇ ئۇزارتىپ، سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى تىرامپ 2017-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە خىتاي شىركىتى TikTok قا قاتتىق قارشى تۇرغانىدى ھەمدە دۆلەت بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، مەزكۇر سۇپىنى چەكلەشكە تىرىشقانىدى. ئەمما ئۇ ھازىر مەيدانىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۆزىنىڭ TikTok نىڭ بىخەتەرلىك خەۋپى بارلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنى چەكلەشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا پارلامېنتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا «ئامېرىكىلىقلارنى رەقىب دۆلەتلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئەپ دېتاللىرىنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداش قانۇنى»نى ماقۇللىغان بولۇپ، مەزكۇر قانۇندا TikTok سۇپىسىنىڭ خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغانلىقى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، TikTok نىڭ باش شىركىتى بايت دەنسنىڭ 2025-يىلى 19-يانۋاردىن بۇرۇن ئامېرىكىدىكى تارمىقىنى سېتىۋېتىپ، باش شىركەتتىن ئايرىشى كېرەكلىكى، ئۇنداق قىلمىسا TikTok نىڭ ئامېرىكىدا پۈتۈنلەي چەكلىنىدىغانلىقى بېكىتىلگەنىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي TikTok بۇ ھەقتە نارازىلىق ئەرزى سۇنغانىدى. ئامېرىكا نارازىلىق سوتى بولسا 6-دېكابىر رەسمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، ئامېرىكا پارلامېنتى ماقۇللىغان بۇ قانۇننىڭ ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى قوغداۋاتقان پىكىر ئەركىنلىكىگە زىت ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، TikTok نىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلغانىدى.

بۇ خەۋەر 1746 قېتىم كۆرۈلدى
28/12/2024 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق