شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ 11-قېتىملىق شۇرا يىغىنى 28-دېكابىر ئىستانبۇلنىڭ بەيلىكدۈزۈ رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان شۇرا يىغىنى قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئېچىلىش سۆزى قىلىپ، ئالدى بىلەن بىرلىكنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىنىڭ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۆلىمالار بىر يەرگە يىغىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك توغرا يولغا يېتەكلەش ئىكەنلىكىنى، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۆلىمالار خەلقنى خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، بۇ جەرياندا كەلگەن ئەزىيەت، جاپالارغا چىداپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ كەلگەنلىكىنى، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۆلىمالار شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنى قۇرۇپ، مۇستەقىل تەشكىلات تەرىقىسىدە دەۋەت گۇرۇپپىسى، پەتىۋا گۇرۇپپىسى، تەلىم-تەربىيە گۇرۇپپىسى، تەتقىقات گۇرۇپپىسى قاتارلىق بىر قانچە بۆلۈمگە بۆلۈنۈپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئۇ ئاخىرىدا ئۆتكەن يىللىق شۇرا يىغىنىدىكى قارارلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە بۇنىڭغا ئاساسەن كېلەر يىللىق قارارلارنى چىقىرىش ئۈچۈن، ئالدىنقى بىر يىللىق قارارلارنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇجات بىرلىكىنىڭ 2024-يىللىق خىزمەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى.
يىغىننىڭ تۇنجى كۈنى ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ 2024-يىلىدا قىلغان خىزمەتلىرى ھەققىدە دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئۆلىمالارنىڭ رولى، ئۆلىمالار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار، مۇھاجىرەتتە قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن داۋاملىشىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ