خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باش ئىجراچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋە بۇ سەۋەبلىك 2021-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن چېن مىڭگو ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 27-دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» تەشۋىقات ۋە تەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خەۋەردە چېن مىڭگو ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى» دەپ تونۇشتۇرۇلغان. خىتاينىڭ باشقا خەۋەر تور بەتلىرى بۇنى ئالاھىدە خەۋەر قىلغان.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار بولغان تۈركىي خەلقلەرگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىجرا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان چېن مىڭگو 2021-يىلىدىن 2024-يىلى 2-ئايغىچە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە ج خ نازارىتىنىڭ نازىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان. بۇ يىل 2-ئايدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى» دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ تەيىنلەنگەن. نۆۋەتتە بولسا ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ما شىڭرۈينىڭ مۇئاۋىنى بولغان.
قولى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلەن قېنى بويالغان چېن مىڭگو 2021-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناش جىنايىتى بىلەن ئەيىنلىنىپ، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى.
ئالدىنقى ئايدا خىتاي ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى»نىڭ نازىرى پەن شىنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قىلىپ تەيىنلەپ، قورچاق ئەمەلدار مەردان مۇقىيتنىڭ ئورنىغا قويغانىدى.
خىتاينىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىجرا قىلىشتا باش رول ئوينىغان ھەمدە ج خ نازارىتىنىڭ نازىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن خىتاي ئەمەلدارلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئۆستۈرۈشى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىدىن شەپە بەرمەكتە.