خىتاي فىلىپپىندىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

خىتاي فىلىپپىنغا تەھدىت سېلىپ، ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تېزدىن چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ 26-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىلىپپىننى رايوندىكى دۆلەتلەرگە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا، ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تېزدىن چېكىندۈرۈشكە چاقىرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي يەنە تەھدىت سېلىپ، فىلىپپىننىڭ ئوخشاش خاتالىقنى قايتا-قايتا سادىر قىلماسلىقى كېرەكلىكى، خىتاي تەرەپ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغاندا ھەرگىزمۇ قاراپ تۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ باياناتىدا «تايفون» ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ مۇداپىئە قورالى ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيەلىك ۋە ھۇجۇم خاراكتېرلىك قورال ئىكەنلىكىنى، فىلىپپىن ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ مەزكۇر بومبا سىستېمىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنى باشقىلارغا تاپشۇرغانلىقىنى، نەتىجىدە گېئوپولىتىكىلىق قارشىلىشىش ۋە قورال-ياراغ مۇسابىقىسى خەتىرىنى پەيدا قىلغانلىقىنى ھەمدە رايون تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ماھىيەتلىك تەھدىت سالغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

فىلىپپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تېئودورو يېقىندا بىرلەشمە مانېۋىر ھەققىدە سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا «تايفون» ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى، فىلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ئىكەنلىكىنى، مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سېتىۋېلىش ھوقۇقى بار ئىكەنلىكىنى، چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىلىپپىن 23-دېكابىر فىلىپپىننىڭ دېڭىز-ئوكيان مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە، ئامېرىكىنىڭ «تايفون» ناملىق قۇرۇقلۇقتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بۇ يىل 4-ئايدا ئامېرىكا فىلىپپىننىڭ لۇزون ئارىلىنىڭ شىمالىدا ئوتتۇرا مۇساپىلىك زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە «تايفون» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىتتىپاقدىشى فىلىپپىن بىلەن يىللىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنىدى. بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، مانېۋىر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى فىلىپپىندا قالدۇرۇپ قويۇشنى قارار قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2070 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2024 15:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق