ب د ت سۇرىيەدىكى غايىب بولغان كىشىلەرنى ئىزدەش ئۈچۈن 8.3 مىليون دوللار ئاجراتتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس سۇنغان 2025-يىللىق خامچوت پىلانى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە تەستىقلانغان بولۇپ، سۇرىيەدىكى غايىب بولغان كىشىلەرنى ئىزدەش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 8.3 مىليون دوللار قوشۇمچە ياردەم ئاجرىتىلغان.

ب د ت ئورگان تورىنىڭ 25-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس 16-ئۆكتەبىر يوللىغان 2025-يىللىق خامچوت پىلانى، خۇسۇسەن «دېڭىز قىرغىقى بولمىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاش» ناملىق پىروگرامما ئومۇمىي كېڭەشتە تەستىقلانغان. گۇتېرېسنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن 2025-يىللىق خامچوت بىر مىليون دوللار كۆپەيتىلگەن.

ئالاقىدار باياناتتا ب د ت نىڭ 2025-يىللىق خامچوتىنىڭ سىياسىي ئىشلار، خەلقئارا سوت، خەلقئارا قانۇن ۋە تەرەققىيات ئۈچۈن رايون ھەمكارلىقى، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر بىلەن خەلقنى مەلۇماتقا ئىگە قىلىش قاتارلىق ئاساسلىق ساھەلەردىكى ب د ت پىروگراممىلىرىغا ئىشلىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ب د ت نىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئايرىم خامچوتى بار بولۇپ، ئومۇمىي كېڭەشتە يەنە دېڭىز قىرغىقى بولمىغان، قۇرۇقلۇق بىلەن قورشالغان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاش ئۈچۈن تۈزۈلگەن «ئون يىللىق ھەرىكەت پىلانى»نىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ب د ت نىڭ 2025-يىللىق خامچوتىدا بايان قىلىنىشىچە، ئوتتۇرا شەرق، بولۇپمۇ غەززە ۋە سۇرىيەگە ئوخشاش رايونلاردا داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىي كىرىزىسقا قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن قوشۇمچە خامچوتمۇ قوشۇلغان. باش كاتىپ گۇتېرېس 16-ئۆكتەبىر سۇنغان خامچوتنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن، غەززەدە يۈز بەرگەن ئىنسانىي كىرىزىس ئۈچۈن 3.5 مىليون دوللار قوشۇمچە خامچوت ئايرىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، پەلەستىن مۇساپىرلىرى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ب د ت نىڭ يېقىن شەرقتىكى پەلەستىن مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىش ئورگىنىنىڭ خامچوتى ئۈچۈن سۇنۇلغان 2.5 مىليون دوللارلىق قوشۇمچە ياردەممۇ تەستىقلانغان.

باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە ، خامچوتتا ب د ت نىڭ فوند ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىنچلىق ئورنىتىش فوندىغا 50 مىليون دوللار ئاجرىتىش تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئىشخانىسىغا 8 مىليون دوللار، سۇرىيەدىكى غايىب بولغان كىشىلەرنى ئىزدەش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاش ئۈچۈن 8.3 مىليون دوللار قوشۇمچە ياردەم ئاجرىتىش تەلەپ قىلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1866 قېتىم كۆرۈلدى
27/12/2024 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق