داخۇا شىركىتى شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىپ چىقتى

خىتاينىڭ خەيكاڭ شىركىتىدىن كېيىن داخۇا شىركىتىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن تۈزگەن بەش تىجارەت تۈرىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 23-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، داخۇا شىركىتى شېنجېن ئاكسىيە بازىرىغا يوللىغان ھۆججىتىدە: «بىر قىسىم تۈرلەر 2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىمزالانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۆز ۋاقتىدا توختىتىلغان. يەنە بەزى تۈرلەر يەنىلا داۋام قىلماقتا». دېيىلگەن.

داخۇا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېيتىشىچە، شىركەت بۇ تۈرلەرنىڭ تىجارىتىنى توختاتماقچى بولغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئالاقىدار مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە قەرزنى ھەل قىلىش داۋاملاشماقتىكەن. ئەمما شىركەت شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىش سەۋەبىنى ئېيتمىغان.

داخۇا شىركىتىنىڭ يۇقىرىقى باياناتى خىتاينىڭ يەنە بىر كۆزىتىش كامېرا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركىتى خەيكاڭنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالاقىدار خىتاي دائىرىلىرى بىلەن تۈزگەن بەش تۈردىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خەيكاڭ شىركىتىمۇ ئەينى ۋاقىتتا چېكىنىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرمىگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2019-يىلى داخۇا ۋە باشقا يەتتە تېخنىكا شىركىتىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلمىشىغا چېتىشلىق بولۇش بىلەن ئەيىبلەپ، قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنىدى. داخۇا شىركىتى ئۆز ۋاقتىدا ئامېرىكىنىڭ قارارىنىڭ ھېچقانداق پاكىت ئاساسى يوق ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغانىدى.

ئەنگلىيە تۆۋەن پالاتاسىمۇ 2023-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا داخۇ ۋە خەيكاڭ شىركىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەملىشىش بىلەن ئەيىبلەپ، بىر قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغانىدى. قانۇن لايىھەسىدە ئەنگلىيەنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ھەربىي بازىلىرىغا مەزكۇر خىتاي شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان كامېرالارنى ئورنىتىشنى چەكلەش تەلەپ قىلىنغانىدى.

تەتقىقات ئورگانلىرى يەنە داخۇا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان كامېرالارنىڭ ئىرق ۋە تېرە رەڭگىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بارلىقىنى ئىسپاتلات چىققانىدى. داخۇا شىركىتىمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلغانىدى.

خىتاي رېجىمىمۇ نۇرغۇنلىغان كۈچلۈك پاكىتلار ئالدىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلغان شىركەتلەرنى تەمىنلەش زەنجىرىدىن چىقىرىۋەتكەن خەلقئارالىق شىركەتلەرنى تەنقىد قىلىپ، بېسىم ئىشلىتىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 398 قېتىم كۆرۈلدى
26/12/2024 14:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق