ياپونىيە: خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمىز

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خىتاينىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىك قىلمىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى تاكېشى ئىۋايا 25-دېكابىر بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ جەرياندا خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ كېڭىيىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تاكېشى ئىۋايانىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا ياپونىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتايغا قىلغان زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىۋايا ۋاڭيىغا ياپونىيەنىڭ تەيۋەن ۋەزىيىتى ۋە يېقىنقى ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ يى ئىۋايانى قەستەن بېيجىڭدىكى «دياۋيۈ ئارىلى دۆلەتلىك مېھمانخانىسى»دا كۈتۈۋالغان. كۆرۈشۈش جەريانىدا ئىۋايا يەنە سېنكاكۇ ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي دېڭىز ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ياپونىيەدە ئېغىر ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن باشقا، تاكېشى ئىۋايا يەنە خىتاي تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان ياپونىيە پۇقرالىرىنى تېز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ: «جاسۇسلۇققا قارشى قانۇنىنىڭ ئېنىق بولماسلىقى ياپون خەلقىنى خىتايغا ساياھەتكە چىقىشتىن ئىلگىرى قايتا-قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلماقتا» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 363 قېتىم كۆرۈلدى
26/12/2024 14:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق