خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە، ئاتالمىش «كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 24-دېكابىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 2025-يىللىق ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش» پائالىيىتى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. ئۇقتۇرۇشتا بۇ قېتىمقى خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا خادىم تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە جەمئىي 165 ئورۇن قاتنىشىدىغانلىقى، تەكلىپ قىلىش كەسپىي ئىش ئورنىدىن 357 ى تەمىنلىنىدىغانلىقى، 635 ئادەم تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقى، جەمئىي 193 شىركەت قاتنىشىپ، 509 ئىش ئورنى تەمىنلىنىدىغانلىقى، جەمئىي 2242 ئادەم تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش تەرىقىسىدە كېڭەيتىلىدىغان بولۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلار»نى جەلپ قىلىش، تەكلىپ قىلىش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، جەمئىيەتكە تەكلىپ قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدىغانلىقىنى، ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملىتىشقا تەشكىللەيدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرگە بېرىپ، نەق مەيداندا تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار قوش تاللاش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە كىرگۈزۈلگەن ھەمدە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاتالمىش «ئىختىساسلىقلار» ئالاقىدار ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.
خىتاي بۇ يىلىنىڭ بېشىدا مەزكۇر ھەرىكىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەخسۇس خىزمەت ئۆمىكى تەشكىللىنىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەنىدى. مەزكۇر ئۆمەكلەر ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردىكى خىتايلارنى «ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىشكە تەشۋىق قىلغانىدى.
يېقىنقى يىللاردا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئالدى بىلەن يېزا-كەنتلەردىكى دېھقانلارنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن تېرىلغۇ يەرلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئاندىن يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنى «ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا شارائىت ھازىرلىغان. ئارقىدىن ھەر خىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش، قىرغىن قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىش، پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئالاھىدە يۇقىرى تەمىناتلار، تۈرلۈك ناملار بىلەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈرۈپ كېلىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ