شەرقىي تۈركىستاننىڭ غايەت زور كۆمۈر بايلىقى توختاۋسىز تالان-تاراج قىلىنماقتا

خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى داۋاملىق كەڭ كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى 11 ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى 500 مىليون توننىغا يېقىنلاشقان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى جەمئىي 477 مىليون 368 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %19.4 ئاشقان.

خەۋەردە قىش كىرگەندىن بۇيان ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىنىڭ توك چىقىرىشىغا كېرەكلىك ۋە ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلەتكەنلىكى، 11-ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشلەنمىگەن تاشكۆمۈر مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 52 مىليون 101 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كۆمۈر بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش مىقدارىنى تېخىمۇ زورايتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆمۈر كانلارنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتكەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 29 كۆمۈر كاندا ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تاماملانغان. ئۇندىن باشقا كۆمۈر قېزىش سۈرئىتى تېزلىتىلگەنلىكى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا 100 مىليون توننا دەرىجىلىك كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بازىسىدىن ئىككىسى قۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن تارتىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە ماس ھالدا، تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش جىنايىتىنى توختاۋسىز داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ جىنايەتلەر بىر تەرەپتىن خىتاينى زور ئىقتىسادىي مەنبە بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايدىكى ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم چارە بولماقتا.

بۇ خەۋەر 1058 قېتىم كۆرۈلدى
24/12/2024 17:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق