كۆك ھىلال جەمئىيىتى ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە

كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ماددىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى ۋە ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تىرىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى بىر يىلدا يەنە كانادادىكى HCI جەمئىيىتى بىلەن «ئوقۇغۇچىلارنى قوللاش تۈرى» بويىچە ھەمكارلاشتى.

بۇ جەرياندا بالىلار كېسەللىك مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تېبابەت كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشتۇرغاندىن باشقا، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يېتىم بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 ئۇيغۇر ئۆسمۈرگە ھەر ئايدا بىر قېتىم نەق پۇل بىلەن ياردەم قىلىپ كەلگەن. ئۇندىن باشقا HCI جەمئىيىتى ھەر يىلى ئوقۇش باشلىنىش ئالدىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.

كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللاھ ئارمان بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتىنىڭ كانادا HCI جەمئىيىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇددىتى بەش يىل بولۇپ، 2028- يىلىغىچە داۋاملىشىدىكەن. جەمئىيەت يەنە كېلەر يىلدىن باشلاپ مەزكۇر جەمئىيەت بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلىغان.

ئۇ سۆزىدە يەنە كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن كانادا HCI جەمئىيىتى ۋە باشقا بارلىق ئىنسانىي ياردەم جەمئىيەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىگە قىلغان ياردىمى ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ياردەم خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىنى ئاللاھتىن تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆك ھىلال جەمئىيىتى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىنىڭ مەركىزىگە ئېچىلغان بولۇپ، جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ تۈركىيە ئىچى-سىرتىدىكى ھەرقايسى ئىنسانىي ياردەم تەشكىلاتلىرى ۋە ۋەقفىلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەر ساھەدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. جۈملىدىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن كۆك ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى باش ئىشتابى ئامېرىكىغا جايلاشقان، ئېھتىياجلىق ئاياللارغا ياردەم بېرىشنى باش نىشان قىلغان، پايدا ئالمايدىغان كىيىم-كېچەك ماركىسى Zaila Collection  بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كەسىپ ئۆگىنىپ، ئىگىلىك تىكلەش تەشەببۇسكارلىقنى قوللاش تۈرى» بويىچە، «كۆك ھىلال خانىم-قىزلار كەسپىي تەرەققىيات مەركىزى»نى قۇرۇپ چىققانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 948 قېتىم كۆرۈلدى
24/12/2024 17:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق