ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 18-دېكابىر ئېلان قىلغان «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك تەرەققىياتى» ناملىق دوكلاتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارالىق بىخەتەرلىك ۋە گېئوپولىتىكىلىق نۇقتىدىن تىلغا ئالغان ئەڭ مۇھىم رەسمىي ھۆججەتلەرنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا.

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 2024-يىللىق دوكلاتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان ئەھمىيىتى ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلاتنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئەھمىيىتى، ئۇزۇن ۋە قىسقا مەزگىللىك تەسىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن تەپسىلىي توختالغان.

ماقالىدە مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى بولغان 2024-يىلى ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، بۇ مەزگىلنىڭ يەنە خەلقئارالىق سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپ ئۆزگىرىش باسقۇچىغا كىرگەن ۋاقتىغا توغرا كەلگەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ پەقەت ئىچكى بىخەتەرلىك مەسىلىسىلا ئەمەس، بەلكى گېئوپولىتىكىلىق رىقابەتنىڭمۇ مەركىزىي نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ماقالىدە مەزكۇر دوكلاتنىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرى بولىدىغانلىقى، بۇ دوكلات سەۋەبلىك قىسقا مۇددەت ئىچىدە خەلقئارالىق جەمئىيەتنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان دىققىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكى، يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان جازا تەدبىرلىرىنىڭ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكى، دوكلاتتىكى دەلىل-ئىسپاتلار ئاساسىدا تېخىمۇ كۆپ خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشى ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىش دولقۇنىنىڭ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

دوكلاتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىرىنىڭ بولسا ئەڭ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ گېئوپولىتىكىلىق ئورنىنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىشىشىدا كۆرۈلىدىغانلىقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قاراتقان ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرى ۋە ھەربىي تەدبىرلىرىنىڭ رايوننى كەلگۈسىدىكى خەلقئارالىق رىقابەتنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خىتايغا قارشى يېڭى ئىتتىپاقلارنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىنلىكى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دائىرىسىدىن ھالقىپ، خەلقئارالىق بىخەتەرلىك ۋە گېئوپولىتىكىلىق مەسىلە سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشىغا يول ئاچىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مەزكۇر دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان پاكىتلار ۋە مەلۇماتلارنىڭ رەسمىي ھۆججەت ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇنى خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىش، لوبىچىلىق قىلىش ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىدە پايدىلىنالايدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارالىق تەشۋىقات ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېڭىلىنىشى كېرەكلىكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەت پىلانى تۈزۈشى كېرەكلىكى تەۋسىيە قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 1477 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2024 17:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق