كانادا ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سەككىز خىتاي ئەمەلدارىنى جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، خىتاي كانادادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ۋە شەخسلەرگە جازا يۈرگۈزۈش ۋاسىتىسى بىلەن ئۆچ ئالدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 22-دېكابىر كانادادىكى شەرقىي تۈركىستان بىلەن تىبەتنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىككى تەشكىلات ۋە 20 خادىمىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە چېتىشلىق سابىق ۋە نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سەككىز خىتاي ئەمەلدارىنىڭ جازالىشىغا قارشى ئۆچ ئالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21-دېكابىر 15-نومۇرلۇق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئاتالمىش «خىتاينىڭ چەت ئەلگە قارشى جازا قانۇنى»غا ئاساسەن، كانادادىكى «ئۇيغۇر ھوقۇقى تەشەببۇسى قۇرۇلۇشى»، «كانادا تىبەت كومىتېتى» ۋە بۇ ئىككى تەشكىلاتتا خىزمەت قىلىۋاتقان 20 خادىمغا جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى، جازانىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
جازا يۈرگۈزۈلگەن 20 شەخس «ئۇيغۇر ھوقۇقى تەشەببۇسى قۇرۇلۇشى» تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مەمەت توختى، پىلان ۋە تەشۋىقات مۇدىرى جەسمىن كېنت، «كانادا تىبەت كومىتېتى»نىڭ رەئىسى سامپې لالۇڭپا، مۇئاۋىن رەئىسى لۇيىسا دۇرانتې قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
كانادا ھۆكۈمىتى 10-دېكابىر ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قورچاق رەئىسى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگو، خىتاي قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم» رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي مەسلىھەت يىغىنىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پېڭ جيارۈي، «تىبەت ئاپتونوم رايونى»نىڭ سابىق پارتىيە سېكرېتارى ۋۇ يىڭجيې، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق پارتىيە كومىتېتى سېكرېتارى خۇ ليۇجۈن، ئاتالمىش «تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق» ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ج خ مىنىستىرلىقى پارتىيە كومىتېتىنىڭ كاتىپى جاڭ خوڭبو، خىتاي كومپارتىيەسى ئىتتىپاقلىق كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى يوۋ چۈەن قاتارلىقلارغا جازا يۈرگۈزگەنىدى.
جازا قارارىغا ئاساسەن، كانادا ۋە كانادا سىرتىدىكى كانادا پۇقرالىرىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشى، مال-مۈلۈك، سودىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى مەنئى قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ