ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلىشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلەش ھەققىدىكى يېڭى قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 22-دېكابىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە داۋاملىق ھەربىي ياردەم بېرىشى ۋە قورال سېتىپ بېرىشىگە قەتئىي نارازى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاتالمىش «بىر خىتاي پىرىنسىپى» ۋە «خىتاي-ئامېرىكا ئۈچ بىرلەشمە باياناتى»غا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىق» بۆلگۈنچى كۈچلەرگە ئېغىر خاتا سىگنال بەرگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

خىتاي باياناتچى يەنە تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاينىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ئىكەنلىكىنى، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى ئۆتكىلى بولمايدىغان قىزىل سىزىق ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاقساراي 21-دېكابىر تەيۋەننى 570 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان ھەربىي ياردەم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇ كۈنى ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەيۋەنگە جەمئىي 295 مىليون دوللار قىممىتىدە قورال سېتىشنى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1891 قېتىم كۆرۈلدى
23/12/2024 16:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق