ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى ئېلان قىلغان خىتاي ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتتا، غەرب شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىشى، خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئىچكى ئەزا يىغىۋېلىش جىنايىتى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئالاھىدە مەركەزلەشكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى (CECC) 20-دېكابىر خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتى ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى 2024-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى خىتايدا داۋام قىلىۋاتقان ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە، بولۇپمۇ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مەركەزلەشكەن.
خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس ۋە كومىتېتنىڭ بىرلەشمە رەئىسى، دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلي بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «كومىتېت خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمىتى خىتاينىڭ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچىمىگە بويسۇنۇشىدا ئېغىر مەسىلە بارلىقىنى خاتىرىلەش جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن. دوكلات شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سېتىۋېلىش مەنبەلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى مەجبۇرىي ئەمگەككە دىققەت قىلغاندىن باشقا، خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ «ئورگان يىغىۋېلىش» جىنايىتى دوكلاتنىڭ قىسقىچە بايان بۆلىكىدە 16 قېتىم، پۈتۈن دوكلاتتا 42 قېتىم تىلغا ئېلىنغان.
2024-يىلى ئامېرىكا پارلامېنتى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى «خىتاينىڭ ئىچكى ئورگان يىغىۋېلىش جىنايىتىنى چەكلەش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك؟» ماۋزۇلۇق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا خىتاينىڭ فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى يىغىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەكشۈرگەن.
315 بەتلىك يىللىق دوكلاتتا يەنە 2024-يىل خىتاينىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى چەكلەش جىنايىتىنىڭ داۋاملىق ئېغىرلاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا خىتاينىڭ سۆز ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ۋە پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەش، ئەدلىيە ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش جەھەتتىن كەمسىتىش، خورلاش ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىكى، ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردە پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى باستۇرۇش قىلمىشلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن قاتارلىقلار رايونلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا يەنە سىياسىي ۋە دىنىي مەسىلىلەر باھانىسى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تۈرمىدە يېتىۋاتقان تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار، پائالىيەتچىلەر، جۈملىدىن پىروفېسسور دوكتور راھىلە داۋۇت قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.
دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاي كوممۇنىست رېجىمى پۇقراۋى جەمئىيەتلەرنى كونترول قىلىش ياكى پارچىلاش، سۆز، ئاخبارات ۋە تور ئەركىنلىكىنى چەكلەش، داۋاملىق پاراكەندىچىلىك سېلىش، نامايىش قىلىش ۋە باشقا تىنچ يىغىلىشلارغا قاتناشقان كىشىلەرنى تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان.
دوكلاتتا يەنە خىتاينىڭ دىنىي پائالىيەتلەرگە بولغان كونتروللۇقنى داۋاملىق كۈچەيتكەنلىكى، بۇ دائىرىدە 2764 كىشىنى قولغا ئالغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە 678 نەپەر تىبەت بۇددا مۇرىتى، 497 نەپەر فالۇنگۇڭ مۇرىتى، 245 نەپەر مۇسۇلمان، 86 نەپەر خىرىستىيان بار ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ