خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كەلگۈسى ئۈچ يىل جەريانىدا ئىجرا قىلماقچى بولغان 13 چوڭ ھەرىكەت لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى» يېقىندا «شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، 2025-يىلىدىن 2027-يىلىغىچە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر لايىھەدە خىتاينىڭ كەلگۈسى ئۈچ يىلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاتالمىش «ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش 13 چوڭ ھەرىكىتى»نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
لايىھەدە ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»، «مۇقىملىقنى قوغداش»، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» قاتارلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا ئالاقىدار بولغان «ئېنېرگىيە بايلىقى كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش»، «زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە تورى بەرپا قىلىش» ئىبارىلىرى كەلگۈسىدىكى 13 چوڭ ھەرىكەت قاتارىغا تىزىلغان.
لايىھەدە 2025-يىلىدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش 13 چوڭ ھەرىكىتى»نىڭ تۈرلۈك تەدبىرلىرى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىغانلىقى، 2027-يىلىغا بارغاندا لايىھەدە بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنىڭ تاماملىنىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
خىتاي گەرچە تاشقى دۇنياغا قارىتا شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ پۈتۈنلەي مۇقىملاشقانلىقى، خەلقنىڭ ئەركىن-ئازادە ياشاۋاتقانلىقىدەك ساختا تەشۋىقاتلىرىنى بازارغا سېلىۋاتقان بولسىمۇ، تۈرلۈك سىياسەتلەر، پىلان-لايىھەلەر بىلەن پەردازلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا ۋە كۈچەيتمەكتە.