ئامېرىكا سۇرىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى جەۋلانى ھەققىدىكى تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۇرىيەنىڭ يېڭى رەھبىرى ئەھمەد شەرئى (جەۋلانى)گە چىقىرىلغان مۇكاپاتلىق تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋەكىللەر ئۆمىكى دەمەشقنى زىيارەت قىلىپ، سۇرىيەنىڭ يېڭى رەھبەرلىكى بىلەن سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باربارا لىف سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى كوبانى شەھىرى ئەتراپىدا تۈركىيە قوللىغان قوراللىق كۈچلەر بىلەن كۇرد قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

جەۋلانى ئىلگىرى ئامېرىكا تەرىپىدىن «تېررورچىلار» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېڭى سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تۇنجى قېتىم رەسمىي ئالاقە ئورناتقاندىن كېيىن، 20-دېكابىر تۇتۇش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلغان.

جەۋلانى ھەيئەت تەھرىرۇششامنىڭ رەھبىرى بولۇپ، ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى قوشۇن ئەسەدنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن، كېيىن بۇ تەشكىلات سۇرىيە ھاكىمىيىتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان. بۇ قارار ئامېرىكىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش سىياسىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، باربارا لېف باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋەكىللەر ئۆمىكى دەمەشقنى زىيارەت قىلىپ، ھەيئەت تەھرىرۇششام باشچىلىقىدىكى يېڭى سۇرىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. باربارا لېف يىغىندىن كېيىن تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا: «بىز تۈركىيە ۋە سۇرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن پائال تىرىشىۋاتىمىز» دېگەن. ئۇ سۆزىدە كوبانى ئەتراپىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم سۇرىيە پايتەختىنى زىيارەت قىلىشى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 172 قېتىم كۆرۈلدى
21/12/2024 16:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق