ئاتالمىش «مائارىپقا ياردەم بېرىش يىغىنى»دا خىتاينىڭ تېررور سىياسەتلىرى تەكىتلەندى

ئاتالمىش «شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» 17-دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىبارىلىرى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىنغا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلىرى، خىتاينىڭ بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلىرى ۋە ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىكى ئالاقىدار ئەمەلدارلار سقاتناشقان.

يىغىندا «دىققەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈش»قا ئوخشاش كۈلكىلىك ئىبارىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن باشقا، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، خىتاي تىل-يېزىقى مائارىپىنى كۈچەيتىش، ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش» قاتارلىق تېررور سىياسىتى ئىبارىلىرى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

ئالدىنقى ئايدا ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش» مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا ياش-ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان ئاتالمىش «زامانىۋى مەدەنىيلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭىنى كۈچەيتىش» قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەنىدى ۋە بۇ تېررور سىياسەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ «ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش» دەپ پەردازلىغانىدى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار بولغان تۈركىي خەلقلەرگە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە يەنە ئاسسىمىلياتسىيە، مېڭە يۇيۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، مائارىپ ساھەسىگە سوزغان قارا قولى ئالاھىدە گەۋدىلىك بولماقتا.

بۇ خەۋەر 466 قېتىم كۆرۈلدى
20/12/2024 18:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق