خىتاي يادرو قوراللىرى زاپىسىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتمەكتە

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى زاپىسى بارغانسېرى كۆپەيگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 18-دېكابىر خىتاي ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى چىرىكلىكنىڭ ئېغىر بولۇشىغا قارىماي، خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى زاپىسى ۋە قورال كۈچىنى كۈنسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى باھالايدىغان يىللىق دوكلاتىدا ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى يەر شارىدا چوڭ كۈچكە ئايلىنىش ئۈچۈن، شەرقىي ئاسىيادىن ھالقىغان ھەرىكەت دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتكەن.

خىتاي يەنە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان ئادەتتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتاينى نۆۋەتتە مەۋجۇت بولغان تەخمىنەن 135 يادرو ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن باشقا، ئامېرىكا زېمىنىغا تەھدىت سېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان باشقا تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

خىتاي ھازىرغىچە ئۆزىدىكى يادرو قوراللىرىنىڭ سانىنى ئاشكارىلىمىغان. ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا مۆلچەرلىنىشىچە، خىتاي بۇلتۇردىن بۇيان تەخمىنەن 100 دانە يادرو ئوق بېشىنى كۆپەيتكەن. 2024-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا زاپىسى 600 دىن ئېشىپ كەتكەن. دوكلاتتا يەنە بۇ ساننىڭ يەنىلا ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ يادرو قورال زاپىسىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەنلىكى، ئەمما 2030-يىلىغا بارغاندا خىتاينىڭ 1000 دىن ئارتۇق يادرو ئوق بېشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان.

بايدېن ھۆكۈمىتى خىتايغا تاقابىل تۇرۇش پىلانى بويىچە، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كىچىك ئاراللارغا تارقىلىشىغا رۇخسەت قىلىدىغان، ھەربىي پاراخوتلارغا قارشى قورال ۋە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئارقىلىق خىتايغا زەربە بېرەلەيدىغان كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان. گەرچە ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى داۋالغۇشلارغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ دوكلاتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ يېڭى سايلانغان تىرامپ ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي كۈچىگە ئەھمىيەت بېرىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 468 قېتىم كۆرۈلدى
20/12/2024 18:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق