ب د ت سۇرىيەنىڭ دېموكراتىك كېلەچىكىگە ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى پېسكارا پېگېي چارشەنبە كۈنى سۇرىيە پايتەختى دەمەشققە قىلغان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن: «ب د ت سۇرىيەنىڭ دېموكراتىك كېلەچىكىگە ئۈمىدۋار» دېگەن.

ب د ت ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پېسكارا پېگېي ئىككى ھەپتە ئىلگىرى نەچچە ئون يىللىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى ئاخىرلاشتۇرغان، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن سۇرىيە خەلقىنى تىلغا ئېلىپ: «گەرچە سۇرىيەنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى بىر سۇرىيە بارلىققا كېلىدىغان تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىمىز» دېگەن.

ئۇ يەنە ھەر قانداق ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭدا يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈش، ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە سۇرىيە خەلقىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پېسكارا پېگگېي يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۇرىيە خەلقىنىڭ يۇقىرىقى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگۈسىدىكى يولنىڭ يەنىلا ئېگىز-پەس ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 439 قېتىم كۆرۈلدى
20/12/2024 16:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق