ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە يەنە بىر زور ھەجىملىك دوكلات ئېلان قىلىندى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلغان كۆپلىگەن نوپۇزلۇق دوكلاتلارنىڭ ئاپتورى دوكتور ئادرىيان زېنز ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئالاقىدار يەنە بىر زور ھەجىملىك دوكلات ئېلان قىلدى.

12-دېكابىر ئېلان قىلىنغان 130 نەچچە بەتلىك مەزكۇر دوكلات كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىلىرىدىن دوكتور ئادرىيان زېنز ۋە ئىلىن لى تەرىپىدىن تەييارلانغان.

مەزكۇر دوكلاتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىدا، خۇسۇسەن شوخلا، قىزىلمۇچ قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلانغانلىقى، بىر قىسىم خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بۇ جىنايەتكە چېتىشلىق ئىكەنلىكى پاش قىلىنغان.

دوكلاتتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن سىرت، يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى مەجبۇرىي تارتىۋالغانلىقىدەك جىنايەتلىرى بايان قىلىنغان.

ئادرىيان زېنزنىڭ مەزكۇر دوكلاتى ۋە ئەنگلىيە BBC قانىلىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ھۆججەتلىك فىلىمى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى خەلقئارادا قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

2-دېكابىرBBC قانىلى خەلقئارادىكى پەمىدۇر قىيامى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىشى ھەققىدە بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەشكە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قان بىلەن بويالغان مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى، پەمىدۇر قىيامى مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن ياۋروپا بازىرىغىمۇ كىرىۋاتقانلىقى پاش قىلىنغانىدى.

نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى پەمىدۇر قىيامى مەھسۇلاتىنىڭ تەخمىنەن 25% ى ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلماقتا.

بۇ خەۋەر 928 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2024 14:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق