خىتاي چېگرادىن ۋىزىسىز كىرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك بوشاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي رېجىمى چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك بوشاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار يەنىلا ئېغىر تەقىب سىياسىتى ئاستىدا ياشىماقتا.

خىتاي كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 17-دېكابىر چېگرادىن ۋىزىسىز ئۆتۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك بوشاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، چېگرادىن ۋىزىسىز كىرگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ خىتايدا تۇرۇش ۋاقتى ئەسلىدىكى 72 سائەت ۋە 144 سائەتتىن بىردەك 240 سائەتكە (10 كۈن) ئۇزارتىلىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە 21 چېگرا ئېغىزىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، توختاپ پائالىيەت قىلىش رايونىنىڭ يەنىمۇ كېڭەيتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

ئۇقتۇرۇشتا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان رۇسىيە، بىرازىلىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق 54 دۆلەتنىڭ خادىملىرىدىن خىتاي چېگراسىدىن ئۆتۈپ، ئۈچىنچى دۆلەت ياكى رايونغا بارىدىغانلىرى 24 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دىكى 60 سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن چېگرا ئېغىزى ئىچىدىكى خالىغان بىرىدىن خىتايغا ۋىزىسىز كىرسە بولىدىغانلىقى، بەلگىلەنگەن رايوندا تۇرۇپ پائالىيەت قىلىش ۋاقتى 240 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە بۇ قېتىمقى سىياسەت تەڭشىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى رايون ھالقىپ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى، يەنى ۋىزىسىز چېگرادىن ئۆتكەن چەت ئەللىكلەرنىڭ 24 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) دىكى توختاپ پائالىيەت قىلىش رايونىدا ئۆلكە ھالقىپ ساياھەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىل 1-ئايدىن 11-ئايغىچە خىتايدىكى ھەرقايسى چېگرا ئېغىزلىرىدىن كىرگەن چەت ئەللىكلەر 29 مىليون 218 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %86.2 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە ۋىزىسىز چېگرادىن كىرگەنلەر 17 مىليون 446 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %123.3 ئاشقان.

ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى كەڭ كۆلەمدە تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىغا سولىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىن سىرت، جەمئىيەتتە تۇتقۇندىن ساقلىنىپ قالغان ئۇيغۇر خەلقى ئېغىر تەقىب ۋە نازارەت ئاستىدا كۈن كەچۈرمەكتە.

بۇ يىل يازدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم ۋىلايىتىدىن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسىنىڭ قوبۇل قىلغان ياشنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭ ئەركىن ساباھەت قىلىش ھوقۇقىلا ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى باشقا ناھىيە ۋە شەھەردىكى تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئۈچۈنمۇ ئالاقىدار دائىرىلەردىن ئىجازەت خېتى ئېلىشقا مەجبۇرلىنىدىكەن. ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ھەر خىل باھانىلەر بىلەن رۇخسەت خېتى قىلىپ بەرمەيدىكەن. رۇخسەت قىلىنغان تەقدىردىمۇ تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن كىملەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، نېمىلەردىن دېيىشكەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشكە مەجبۇرلىنىدىكەن.

ئۇندىن باشقا خىتاي ئاتالمىش «ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى خىتاي زاۋۇتلىرىغا نەزەربەند قىلغان بولۇپ، ھەر كۈنى ئۇزۇن مۇددەت مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىكەن. نارازى بولغانلارنى بولسا جازا لاگېرىغا ئەۋەتىش بىلەن تەھدىت سالىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2370 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2024 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق