ھىندىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا داۋاملىق تىرىشماقتا

ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ ئالاھىدە ۋەكىللىرى بېيجىڭ سۆھبىتىدە ئالتە ماددىلىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 18-دېكابىر بېيجىڭدا ھىندىستاننىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ئاجىت دوۋال بىلەن چېگرا مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئالتە نۇقتىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان. بۇ، ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ئۇچرىشىشى بولۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن يېڭى مۇۋەپپەقىيىتى دەپ قارالغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىككى تەرەپ داۋاملىق تەدبىر قوللىنىپ، چېگرا رايوننى قوغداش ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلغان. ئىككى تەرەپ يەنە ھىندىستان پۇقرالىرىنىڭ تىبەتكە بېرىپ تاۋاپ قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە چېگرا ھالقىغان ھەمكارلىق ۋە چېگرا سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، يېڭى ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇش يەنە ئىككى تەرەپنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە ھەربىي سۆھبەتتىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، چېگرا ئىشلىرى خىزمەت مېخانىزمىدا مەسلىھەتلىشىش ۋە ماسلىشىش، ئالاھىدە ۋەكىللەر يىغىنىدىن كېيىنكى ئىجرا خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئىككى تەرەپ يەنە كېلەر يىلى ھىندىستاندا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە ۋەكىللەر يىغىنى ئېچىشقا قوشۇلغان.

ئەمما ھىندىستان ئەمەلدارلىرى ھىندىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە يەنىلا ئېھتىياتچان مەيداندا تۇرغان. رويتېرس ئاگېنتلىقى ھىندىستان ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «يېڭى دېھلى ھىندىستان-خىتاي ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئېھتىياتچان بولۇپ، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرىلەيدۇ. چۈنكى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسى يەنىلا ئىنتايىن ئاجىز» دېگەن.

ھىندىستان بىلەن خىتاي بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا ھىمالايا تېغىدىكى ئەمەلىي كونترول سىزىقى ئەتراپىنى چارلاش ۋە تەكشۈرۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولۇپ، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراھمانيام جايشانكار 3-دېكابىر ھىندىستان-خىتاي ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان ھىمالايا چېگرا رايونىدىكى ئورنىدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى تاماملىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 925 قېتىم كۆرۈلدى
19/12/2024 14:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق