ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر تىلشۇناس ئالىمى، تۈرك تىلى، شۇنداقلا تۈركىي مىللەتلەر تەتقىقاتىغا يول ئاچقان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىنىڭ 950 يىللىق خاتىرە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 2025-2024-يىللىق خاتىرە كۈنلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
يېڭى شەپەق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈرك مەدەنىيىتى ۋە مىراس ۋەقفى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان. مەزكۇر باياناتتا مەھمۇد كاشىغەرىي تەرىپىدىن 11-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئەرەبلەرگە تۈركچە ئۆگىتىش مەقسىتىدە يېزىلغان ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىنىڭ 950 يىللىق خاتىرە كۈنى ب د ت مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن 2025-2024-يىللىق خاتىرە كۈنلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئېيتىلغان.
باياناتتا مەزكۇر قارارنىڭ تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ ئورتاق تەكلىپى، شۇنداقلا ۋېنگىرىيە، ماۋرىتانىيە، ماراكەش، قاتار ۋە تاجىكىستاننىڭ قوللىشى بىلەن چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
باياناتتا يەنە: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك پەقەت بىر لۇغەتلا ئەمەس، تۈرك تىللىرىنىڭ بايلىقى، تۈرك ئەنئەنىلىرىدىكى ھېكمەتنىڭ ۋە تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ جانلىق يەكۈنىدۇر. دىۋانۇ لۇغاتىت تۈركنىڭ 950 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەقەت بىر خاتىرىلەش پائالىيىتىلا بولماستىن، بەلكى مىسلىسىز تۈرك مىراسلىرىنى قوغداش تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچەيتىش چاقىرىقىدۇر» دېگەن.
تۈرك مەدەنىيىتى ۋە مىراس ۋەقفى ئالدىنقى ئايدا قىرغىزىستاندىكى قىرغىزىستان دۆلەتلىك تارىخ مۇزېيىدا تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تەشكىللىگەن 11-نۆۋەتلىك دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا «دۆلەت قۇياشى تۈرك مۆجىزە بەلگىسىدە دۇنيا كەلگەنلىكىنى بىلىڭ» ناملىق كۆرگەزمىسىنى تەشكىللىگەن. كۆرگەزمە 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈرك دۆلەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ