خىتاي نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا مەلۇم جەھەتتىن ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، دىننى تەشۋىق قىلىش، خەلق ئىچىدە تارقىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان تۇڭگان ئۆلىمالىرى ۋە مەسچىت ئىماملىرىنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن بىر-بىرلەپ تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان.
15-دېكابىر X سۇپىسىغا يوللانغان ئۇچۇرلار خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دىنغا قارشى تېررور سىياسىتىنى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
مەزكۇر ئۇچۇردا يۈننەننىڭ يۈشى شەھىرىدە ياشاۋاتقان تۇڭگان ئىمام ما يۈۋېينى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلغانلىق خەۋىرى تىلغا ئېلىنغان. سىنلىق ۋە يازما ئۇچۇرلاردا تارقالغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ما يۈۋېي شۇ جاي ۋاقتى 15-دېكابىر چۈشتە يۈشى شەھىرىدىكى بىر رېستوراندا تاماق يەۋاتقان بولۇپ، تۇيۇقسىزلا پۇقراچە كىيىنگەن خىتاي ساقچىلىرى رېستوراننى قورشاپ، ما يۈۋېينى تۇتۇپ كەتكەن.
بۇ ھەقتە تارقالغان ئۇچۇرلاردا ئاشكارىلىنىشىچە، مايۈۋېي يۇرتىدا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ، بىر قانچە يىل ئىسلام بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. سەئۇدىدىن قايتقاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي يەرلىكتىكى مەسچىتكە ئىمام بولغان بولۇپ، بۇ جەرياندا مەسچىت جامائەتچىلىكىگە ھەر دائىم جەمئىيەتكە پايدىلىق ياخشى ئادەم بولۇش ھەققىدە تەبلىغ قىلىدىكەن.
خىتاي ساقچىلىرى مايۈۋېينى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىپ بىر قانچە كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ دادىسى، ئانىسى، ئايالى ۋە ئىنىسىنىمۇ تۇتۇپ كەتكەن. مەسچىت ئىمامى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ سەۋەبسىز قولغا ئېلىنىشى مەسچىت جامائىتى ۋە رايوندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئەتراپتىكى مۇسۇلمانلار شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا يىغىلىپ كۈچ كۆرسەتكەن بولۇپ، ما يۇۋېينىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار يەنە خىتاي ساقچىلىرىغا بولغان نارازىلىق سۈپىتىدە ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ما يۇۋېينى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن قوشۇپ تۇتقۇن قىلىشىنىڭ مەقسەتلىرىدىن بىرى مايۈۋېىينىڭ ئائىلىسى ئىككى ئەۋلاد مەسچىت ئىمامى بولغاچقا ۋە خەلقنى دىنغا دەۋەت قىلغاچقا، بۇ ئائىلىگە زەربە بېرىش ئارقىلىق، رايوندا دىنىي تەشۋىق قىلىدىغان كىشىلەرنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ خىل تېررور سىياسىتىنى ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا باشلىغانلىقىنى ۋە ھازىرغا قەدەر ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. شۇنداقلا خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجرا قىلىۋاتقاندا، تۇڭگانلار ئارقىلىق خىتايدا مۇسۇلمانلار خاتىرجەم ئىبادەتلىرىنى قىلالايدۇ، دەيدىغان يالغان تەشۋىقاتىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشنى ئۇرۇنغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە جازا لاگېرلىرىغا قامىغان بىر ۋەزىيەتتە، نۇرغۇن تۇڭگان ئىماملىرى ۋە ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلارنى تۈرمىگە سولانغانلىقىغا ئائىت قانچىلىغان ئىسپاتلارنىڭ ئاشكارىلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغىمۇ دىنغا قارشى تېررور سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.
خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندىن بېرى، ئىزچىل تۈردە دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى ئىجرا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىندا 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىۋەتكەن ياكى بۇزۇۋەتكەن. خىتاي بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىنىي ئىشلار نىزامى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەرقانداق يوسۇندىكى دىنىي تەلىم-تەربىيەنى چەكلىگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنكاسلىرىغا پىسەنت قىلماي، دىنغا قارشى تۈرلۈك قائىدە-نىزاملارنى ئېلان قىلغانلىقىنى، «دىنىي تەلىماتلارنى توغرا ئىزاھلاش» سەپسەتىسىگە ئاساسەن، ئاشكارا ھالدا ئىسلام دىنىنى بۇرمىلاش، قۇرئان كەرىمنى خالىغانچە ئىزاھلاش جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، دىنىي تەلىم-تەربىيەنى چەكلەش ئارقىلىق، ئىسلام دىنىنى پۈتۈنلەي چەكلەپ كۆزدىن يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ