ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئارمىيەسىنى قوللىغان خىتاي شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى 16-دېكابىر بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرىگە رۇسىيە ئارمىيەسىنى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىدىغان قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكى سەۋەبلىك، تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك جازا يۈرگۈزگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى توڭلىتىش ۋە ۋىزا چەكلەش قاتارلىق جازالار بېرىلگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە جازا قارارىغا شىمالىي كورىيەنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرىنى قوشقان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىمالىي كورىيە رۇسىيە ئارمىيەسىنى قوللاش ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتكەنىدى.
بۇ جازالاش تەدبىرى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش سەۋەبلىك، ياۋروپا ئىتتىپاقى يولغا قويغان 15-قېتىملىق جازا تەدبىرى بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ رۇسىيەگە قىلغان ياردىمىگە قارشى يولغا قويغان تەدبىرنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىكەن. خىتاي بۇ مەسىلىدە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاشقا ياردەم بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىدى، دەپ ئەيىبلەنگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ رۇسىيە ئارمىيەسىنى سەزگۈر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاپچاسلىرى ۋە مىكروئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلار بىلەن تەمىنلىگەنلىكى سەۋەبلىك، تۆت خىتاي شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە قوشقانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇندىن باشقا يەنە ئىككى خىتاي شىركىتى ۋە بىر خىتاي سودىگەر رۇسىيەنى جازادىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى سەۋەبلىك، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. جازا بېرىلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىرى شيامېن لىنباخې شىركىتى بولۇپ، رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىش جەريانىدا ئىشلەتكەن ئۇزۇن مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ماتورىنى تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ