ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان يەنە بىر دۆلەت - قارلۇقلار خانىدانلىقى

ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان يەنە بىر دۆلەت - قارلۇقلار خانىدانلىقى

 

مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

 

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان مەنبە ئىزدەش جەريانىدا كۆپلىرىمىز بىلمەيدىغان ياكى دىققەت قىلمىغاچقا يېزىلمىغان ۋە تىلغا ئېلىنمىغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان «قارلۇقلار خانىدانلىقى»نىڭ تارىخى ئۇچراپ قالدى. مەن بۇ دۆلىتىمىزنىڭ تارىخى ۋە بىر قىسىم پۇللىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە يۈزەكى بولسىمۇ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، ئاددىيراق بولسىمۇ بۇ ماقالىنى يېزىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

قارلۇقلار تارىختا ئۆتكەن ھەرقايسى تۈرك، جۈملىدىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بىر قەبىلە. تارىختا ئۇيغۇر ئىسمى بىلەن قۇرۇلغان، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇتلۇق بىلگە قاغان (683-747) ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن 742-يىلى ‎‎شەرقىي كۆكتۈرك قاغانى ئۆزمىش قاغاننى (740- 742) ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ قارلۇق قەبىلىسى ۋە باسمىل قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ يوقاتقانىدى. قۇتلۇق بىلگە قاغان 744-يىلى ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان ۋاقىتتىمۇ ئاساسلىق قارلۇق قەبىلىسى ۋە باسمىل قەبىلىلىرى مۇھىم رول ئوينىغانىدى.

قۇتلۇق بىلگە قاغان تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن بارلىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئىككى چوڭ تارماقتىن ئىبارەت 19 قەبىلىگە بۆلىدۇ. ئۇلار ئون ئۇيغۇر ۋە توققۇز ئوغۇزلار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قەبىلىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر قەبىلىسى بىلەن قارلۇقلار بولسا توققۇز ئوغۇزلار دەپ ئاتالغان تارماقتا ئورۇن ئالغانىدى. قارلۇقلار يەنە 840-يىلى بىلگە كۆل قاراخان رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان، 840-يىلدىن 1212-يىلىغىچە 372 يىل ھۆكۈم سۈرگەن، ئۇيغۇرلار تارىخىدا قۇرغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ سەلتەنەتلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان قاراخانىيلار دۆلىتىنى قۇرغۇچى ئۈچ ئاساسلىق ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ بىرسى ئىدى (تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىدا قاراخانىيلار دۆلىتىنى بىلگە كۆل قاراخان رەھبەرلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ياغمىلار، قارلۇقلار ۋە چىگىل قاتارلىق قەبىلىلىرى بىرلىشىپ قۇرغان دېيىلگەن. تۈرك مەنبەلىرىدە بولسا قاراخانىيلار دۆلىتى قارلۇقلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان، دېيىلگەن).

قاراخانىيلار دۆلىتى 1042-يىلى شەرقىي قاراخانىيلار ۋە غەربىي قاراخانىيلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. شەرقىي قاراخانىيلار دۆلىتى 1211-يىلى قىتانلار (قارا خىتاي) تەرىپىدىن مۇنقەرز بولىدۇ. غەربى قاراخانىيلار بولسا 1212-يىلى خارەزىم شاھلار دۆلىتى تەرىپىدىن مۇنقەرز بولىدۇ. خارەزىم شاھلار دۆلىتى 1212-يىلى ھەم قىتانلارنىمۇ مەغلۇپ قىلىپ يوقىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ بىر قىسىم زېمىنى خارەزىم شاھلار دۆلىتىنىڭ زېمىنىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر قىسىم قارلۇق قەبىلىسى خارەزىم شاھلار دۆلىتى تەۋەسىدە قالىدۇ.

1220-يىلى چىڭگىزخان رەھبەرلىكىدىكى موڭغۇل قوشۇنى خارەزىم شاھلار دۆلىتىگە بېسىپ كىرىدۇ. 1222-يىلى موڭغۇللار خارەزىم شاھلار دۆلىتىنى تامامەن بېسىۋالىدۇ. مۇشۇ جەرياندا خارەزىم شاھلار دۆلىتى تەۋەسىدە قېلىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارلۇق قەبىلىسى سەيفېتتىن ھەسەن قارلۇق (Seyfeddin el-Hasan Karluğ) رەھبەرلىكىدە ھازىرقى ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئوتتۇرىلىرىغا توغرا كېلىدىغان يەرگە كېلىپ ئورۇنلىشىدۇ. بۇ جاي دېلھى سۇلتانلىقىنىڭ  (Delhi Sultanlığı 1206-1526)  زېمىنى ئىدى. سەيفېتتىن ھەسەن قارلۇق خەلقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ دېلھى سۇلتانلىقىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېلھى سۇلتانى قارلۇقلارنى قوبۇل قىلىپ، 1224-يىلىدىن باشلاپ سەيفېتتىن ھەسەن قارلۇقنى ئۆز قەبىلىسىگە ۋالىي قىلىپ تەيىنلەيدۇ. قارلۇق قەبىلىسى بۇ تارىختىن باشلاپ سەيفېتتىن ھەسەن قارلۇق باشچىلىقىدا باميان ۋە قۇررام ۋادىلىرىنى ماكان تۇتۇپ، غەزنە ۋە بامىيان دېگەن شەھەرلەرنى مەركەز قىلغان ھالدا ياشاشقا باشلايدۇ.

سەيفېتتىن ھەسەن قارلۇق بىلىملىك ھەم ئىقتىدارلىق كىشى ئىدى. ئۇ بىر مەزگىل ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، 1236-يىلى «قارلۇقلار خانىدانلىقى» نامىدا دۆلەت قۇرۇپ مۇستەقىللىق جاكارلايدۇ. پايتەختى ئەھۋالدىن قارىغاندا دەسلەپ غەزنە شەھىرى، كېيىن بامىيان شەھىرى بولىدۇ. قارلۇقلار خانىدانلىقىنىڭ نوپۇسىمۇ ئاز، دۆلىتىمۇ كىچىكرەك ئىدى. بۇ دۆلەتنىڭ شەرق ۋە جەنۇب تەرىپى دېھلى سۇلتانلىقى زېمىنى بولۇپ، شىمال ۋە غەرب تەرىپى موڭغۇل ئىمپېرىيەسى زېمىنى ئىدى. قارلۇقلار خانىدانلىقى ئەنە شۇنداق ئىنتايىن كۈچلۈك ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بولسىمۇ، سەيفېتتىن ھەسەن قارلۇق دۆلىتىنى ئەقىل ۋە قابىلىيىتىگە تايىنىپ ئىدارە قىلىدۇ، ھەمدە ئۇستىلىق بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى كۈچلۈك قوشنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق رول ئوينايدىغان پايدىلىق ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىدۇ. ھەر ئىككى دۆلەتكە سودا كارۋانلىرى ماڭدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت تەرەققىياتى ۋە ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقىنى خاتىرجەم ياشاش شارائىتىغا ئىگە قىلىدۇ.

سەيفېتتىن ھەسەن قارلۇق مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن باشلاپ دۆلىتىنىڭ نامى ھەم ئۆز نامىدا كۈمۈش ۋە مىستىن ناھايىتى كۆپ پۇل باستۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپلىگەن پۇللىرى قارلۇقلار دۆلىتىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

سەيفېتتىن ھەسەن قارلۇق 1236-يىلىدىن 1249-يىلىغىچە 13 يىل تەختتە ئولتۇرغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئوغلى ناسرىددىن مۇھەممەد قارلۇق (Nasıreddin Muhammed Karluğ) 1249-يىلىدىن 1259-يىلىغىچە ئون يىل تەختتە ئولتۇرغان. قارلۇقلار دۆلىتى تارىخ سەھنىسىدە 1236-يىلىدىن 1266-يىلىغىچە قىسقىغىنا 30 يىل تولۇق مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن دېلھى سۇلتانلىقى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان.

ئىنگلىزچە ۋە تۈركچە مەنبەلەردە بۇ دۆلەت ئۈستىدە توختىلىپ: «سەيفېتتىن ھەسەن قارلۇقنىڭ پۇللىرى، قارلۇقلار دۆلىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خېلىلا يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلغان دۆلەت بولۇپ، خەلقىنىڭمۇ باي-باياشات ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشىغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتى. دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن پۇللار بۇ دۆلەتتىن مىراس قالغان مۇھىم پاكىتلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ يېزىلغان.

قوشۇمچە:

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»دىكى قارلۇق دۆلىتى دېگەن بابتا ھىجرى 134-يىلى، مىلادى 751-يىلى قارلۇقلار زىياد بىن سالىھ بىلەن خىتاينىڭ گاۋشەنجى دېگەن قوماندانى ئوتتۇرىسىدىكى تالاس ئۇرۇشىدا خىتايغا قارشى تۇرغان ۋە خىتاي ئەسكەرلىرىنى تامامەن يوقىتىپ، شۇ يىلى بەشبالىق، ئىمىل ۋە غەربىي ئالتايدا بىر قارلۇق دۆلىتى قۇرۇپ چىققان... مانا شۇنداق قىلىپ قارلۇقلار 751-يىلىدىن 861-يىلىغىچە 110 يىل تولۇق مۇستەقىل تۇردى... دەپ يېزىلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قۇرغان دۆلەتلىرى ئىچىدىكى قارلۇقلار خانىدانلىقىنىڭ تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە تولۇق تارىخىنى تارىخ تەتقىقاتچى ئالىملىرىمىزغا ھاۋالە قىلىمىز.

2024-يىلى 16-دېكابىر

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

* https://en.m.wikipedia.org/wiki/Qarlughids

* https://en.m.wikipedia.org/w/index.php?title=Nasir_al-Din_Muhammad_Qarlugh&wprov=rarw1

* https://tr.wikipedia.org/wiki/Karluk_Krall%C4%B1%C4%9F%C4%B1

* https://tr.wikipedia.org/wiki/Karahanl%C4%B1lar

* https://tr.wikipedia.org/wiki/Harezm%C5%9Fahlar_Devleti

* https://tr.wikipedia.org/wiki/Karah%C4%B1taylar

 

* شەرقىي تۈركىستان تارىخى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، 1998-يىلى ئەنقەرە نەشرى. 112-113- ۋە 511-بەتلەر.

بۇ خەۋەر 858 قېتىم كۆرۈلدى
18/12/2024 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق