ئامېرىكىنىڭ 38 تانكىسى تەيبېي پورتىغا يېتىپ كەلدى

ئامېرىكا تەيۋەنگە سېتىپ بەرگەن 38 دانە M1A2T تىپلىق تانكا تەيبيگە يېتىپ باردى.

تەيۋەن خەۋەرلەر تورىنىڭ 16-دېكابىردىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تەيۋەنگە سېتىپ بېرىشنى پىلانلىغان 108 دانە M1A2T تىپلىق تانكىنىڭ تۇنجى تۈركۈمى ھېسابلانغان 38 تانكا 15-دېكابىر تەيبېي پورتىغا يېتىپ كەلگەن. خىتاي تاراتقۇلىرى تەيۋەن مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ مەزكۇر ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، مال چۈشۈرۈش ئورنىدا ئىككى قەۋەتلىك يېپىق مەشغۇلات رايونى تەسىس قىلىپ، تانكىلارغا يوپۇق يېپىپ يۈك ماشىنىسىغا باسقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تانكىلار 15-دېكابىر كەچتىن 16-دېكابىر ئەتىگەنگىچە شىنخۇ ئېغىزىدىكى تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى تانكىچىلار مەشىق ئىشتابىغا يۈك ماشىنىسى بىلەن بىر-بىرلەپ توشۇلغان. تەيۋەن ئارمىيەسىگە M1A2T تانكىلىرىنىڭ ھەممىسى يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 269-بىرىگادىسىغا مەزكۇر تانكىلارنىڭ بىر قىسمىنى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. يەنە 10 تانكا تانكىچىلار مەشىق ئىشتابىنىڭ خادىملارنى تەربىيەلەش قىسمىغا تەقسىم قىلىنىدىغان بولۇپ، قالغانلىرى تەيۋەن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 584- بىرىگادىسىغا بېرىلىدىكەن.

تەيۋەن ئارمىيەسى ئەسلىدە نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مىڭلىغان كونا تانكىلارنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئۈچۈن، كەم دېگەندە 500 يېڭى تانكىنىڭ لازىملىقىنى باھالاپ چىققان. ئەمما چوڭ تانكىلارنىڭ تەيۋەن زېمىنىغا ماس كەلمەيدىغانلىقى سەۋەبلىك، پەقەت 108 دانە تانكا سېتىۋېلىشقا قوشۇلغان.

قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ كۈچلۈك تانكا دەپ سۈپەتلىنىپ كەلگەن M1A2T تىپلىق تانكىلارنى تەيۋەنگە سېتىپ بېرىش 2019-يىلى تىرامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان. مەزكۇر تانكىلار ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، 2024-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تەيۋەنگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2026 قېتىم كۆرۈلدى
17/12/2024 15:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق