كوجائەلى ۋىلايىتىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

15-دېكابىر تۈركىيەنىڭ كوجائەلى ۋىلايىتىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى تونۇشتۇرۇلدى. پائالىيەتنى مىللىي تۈرك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت كوجائەلى ئاممىۋى تەشكىلات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم تەكلىپ قىلىنغان.

دوكتور ئالىمجان بۇغدا «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ۋە ئىسلام دۇنياسى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە قانداق مەيداندا تۇرغانلىقى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تونۇشتۇرغان.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى: ئىشغالىيەتتىن مۇستەقىللىققىچە» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھازىرغىچە داۋام قىلغان مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخىنى چۈشەندۈرگەن.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بولسا «شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق (جازا لاگېرى) ۋە ئىنسان ھەقلىرى» تېمىسىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرىنىڭ كۆلىمى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەمدە جازا لاگېرىغا سولاپ، ئىجرا قىلغان زىيانكەشلىك قىلمىشلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1912 قېتىم كۆرۈلدى
16/12/2024 16:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق