ئەنگلىيەنىڭ خەۋەر ئورگىنى «تېلېگراف» 13-دېكابىر «سۇرىيەدىكى ئۇيغۇر جەڭچىلەر كېيىنكى قەدەمدە خىتايغا قارشى ئاتلىنىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلدى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى: «ئاساسلىق ۋەزىپىمىز شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى خىتاي ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىش» دېگەن.
تېلېگراف تورى خەۋىرىدە بەششار ئەسەدنى ئاغدۇرۇش جەڭلىرىگە ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق كۈرەشنى كېلەركى قېتىم شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ يېتىۋاتقان خىتاي بىلەن قىلىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم قىلغانلىقى، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ سۇرىيە ھاكىمىيىتى يىقىلغان 8-دېكابىر كۈنى ئېلان قىلغان سىنىدا ھەربىي فورما كىيىپ ئاپتومات تۇتقان ئۇيغۇر جەڭچىنىڭ خىتايغا تەھدىت سېلىپ: «ھازىر بىز سۇرىيەدە ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلماقتىمىز، بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچى، ئاقسۇ ۋە قەشقەردىمۇ داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز» دېگەنلىكى، نىقابلانغان يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ: «بىز خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن. يېقىن كەلگۈسىدە خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىمىز. بىز نۆۋەتتە ھومس، ئىدلىبتا جەڭ قىلدۇق. بىز يېقىن كەلگۈسىدە بۇ جەڭنى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرىمىز. ئاللاھ بۇ يەردە بىزگە نۇسرەت بەردى، ئاللاھ بىزگە ئۆز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىمۇ غەلىبە ئاتا قىلىدۇ» دېگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئۇلار مۇخبىرغا يەنە ھەرىكەت باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ھېچقانداق ھارغىنلىق ھېس قىلمىغانلىقىنى، بۇ جەڭدە ئەزەلدىن قورقۇنچ ھېس قىلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
خەۋەردە يەنە تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ سۇرىيە تۇرۇۋاتقانلىقىغا ئون يىلدىن ئاشقانلىقى، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر باستۇرۇشلىرىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپقانلىقى، سۇرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى جەڭلەرگە رەھبەرلىك قىلغان ھەيئەتۇ تەھرىر شامغا قوشۇلغانلىقى، يېقىنقى كۈنلەردە تەشۋىقات پائالىيىتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، ھەيئەتۇ تەھرىر شام بىلەن بىرگە جەڭ قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئاشكارىلانغان بىر سىندا 2024-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا سۇرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ھۇجۇمى قوزغىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ئەسەد قىسىملىرىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر سىندا بولسا ئۇلارنىڭ تانكا ھەيدەپ، ھىلال ئاي بىلەن يۇلتۇز بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن كۆك بايراقلارنى لەپىلدەتكەن ھالدا دەمەشققە كىرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
سىن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى 10-ۋە 11-دېكابىر كۈنلىرى سۇرىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پورت شەھىرى لاتاكىيە ۋە تەرتۇسقا كىرگەن، ھەر ئىككى شەھەر سۇرىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە ئىلگىرى رۇسىيە قىسىملىرى تۇرغان.
سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى بويىچە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەيمەن جەۋاد ئەل تەمىمى مۇخبىرغا: «سۇرىيە قوزغىلاڭچىلارنىڭ غەلىبىسىدە تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى بەلگىلىك رول ئوينىدى» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ