خىتاينىڭ سودا پاراخوتى نەچچە ھەپتىدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلماقتا

خىتاينىڭ بىر سودا پاراخوتى بالتىق دېڭىزىدىكى سۇ ئاستى كابېلىنى كېسىش گۇمانى بىلەن، بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 13-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ئايدا بالتىق دېڭىزىدىكى ئىككى دېڭىز ئاستى ئوپتىك كابېلى ئۈزۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ياۋروپا ئەمەلدارلىرى تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان. ئۇلار بۇ ۋەقە خىتاي بايرىقى ئېسىلغان بىر سودا پاراخوتىغا چېتىشلىق، دەپ گۇمانلانغان ۋە رايونغا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتىنى ئەۋەتىپ، خىتاي پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، «يىپېڭ-3» ناملىق پاراخوت بۇندىن 23 كۈن ئىلگىرى توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە ۋە لىتۋانىيەدىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا خادىم ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقان مەزگىلىدە مەزكۇر پاراخوت دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەتچىلىرى تەرىپىدىن نۆۋەت بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئەمما ئەمەلدارلار ئوپتىك كابېلنىڭ ئۈزۈلۈش ۋەقەسىگە مەزكۇر پاراخوتنىڭ چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى ھېچقانداق تەپسىلاتنى ئاشكارىلىمىغان.

تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىدىن ئوپتىك كابېلنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى ھەققىدە باشقا ئۇچۇرلارنىڭ بار-يوقلۇقى سورىلىۋاتقان بولۇپ، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلاش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. شىۋېتسىيە تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى بۇ ئىشقا قارىتا بىرلەشمە تەكشۈرۈشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما باشقا تەپسىلاتلارنىڭ يوقلۇقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

لىتۋانىيە ھۆكۈمىتى 29-نويابىر خىتاينىڭ لىتۋانىيەدە تۇرۇشلۇق ئۈچ نەپەر ئەلچىخانا خادىمىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغان بولۇپ، بۇ قارارنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى سۇ ئاستى كابېلىنىڭ كېسىۋېتىلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2339 قېتىم كۆرۈلدى
14/12/2024 13:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق