يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزا دۆلەتلىرى سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە سىنلىق يىغىن ئاچقان بولۇپ، يېڭى ھۆكۈمەت دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەششار ئەسەد ھەيئەتۇ تەھرىر شام (HTS) قوشۇنىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىشى بىلەن، نەچچە يىلدىن بېرى سۇرىيەدە قاتتىق زۇلۇم بىلەن خەلقنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان ئەسەد ھۆكۈمىتى چەت ئەلگە قاچقان. ئەسەد دەۋرى ئاخىرلىشىپ سۇرىيە خەلقى نەچچە يىل داۋام قىلغان زۇلۇمدىن ئازاد بولغان. بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يىمىرىلىش 14 يىل داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان، نەچچە ئون مىليون كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان. سۇرىيە خەلقى نۆۋەتتىكى قالايمىقانچىلىق ئىچىدە يوقاپ كەتكەن تۇغقانلىرىنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ئەسەدنىڭ خەلققە قىلغان ئېچىنىشلىق زۇلۇملىرى ئاشكارا بولغان.
نۆۋەتتە سۇرىيەدە ئۈچ ئايلىق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇلغان بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئاساسەن ئەسلىگە قايتقان. ھەيئەتۇ تەھرىر شام بۇ مەزگىلدە ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەدلىيە سىستېمىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 13-دېكابىردىكى سىنلىق يىغىنىدا سۇرىيە مەسىلىسى باش تېما بولغان. يىغىندىن بۇرۇن يەتتە دۆلەت گۇرۇھى سۇرىيە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت نىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارى بويىچە سۇرىيەلىكلەرنىڭ باشچىلىقىدىكى ھەممىگە قۇچاق ئاچىدىغان سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ