ئامېرىكا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ مەسىلىسىدە خىتاينى ئومۇميۈزلۈك چەكلەشنى پىلانلىدى

ئامېرىكا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە ئېرىشىشنى چەكلەش ئارقىلىق، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى يولىنى ئېتىشنى نىشانلىدى.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ 12-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا يېڭى ئېكسپورت كونترول قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ دۆلەتلەر ئارقىلىق ئىلغار سۈنئىي ئەقلىي ئۆزەكلىرى سېتىۋېلىشىنى چەكلەشنى پىلانلىغان. بۇ تەدبىرلەر نۆۋەتتە مەۋجۇت بولغان قائىدە-نىزاملاردىكى يوچۇقلارنى تاقاش ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدا ئىنتايىن مۇھىم بولغان كۈچلۈك GPU لارنىڭ دۇنيا مىقياسىدا توشۇلۇشنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

بۇ يېڭى چەكلىمە خىتاينىڭ 140 يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى شىركىتىگە جازا يۈرگۈزگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان. يېڭى قائىدىلەر دۆلەت ھالقىسى ۋە خەلقئارا ئىجازەت بېرىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا قارىماي، خىتاي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئارقىلىق ئۆزەك ئەتكەس قىلماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2369 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2024 16:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق