چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: پەلەستىن مۇخبىرلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك دۆلەت

«چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» يىللىق دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا 2024-يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 54 ژۇرنالىستنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، بۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 18 مۇخبىر ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ۋەقە ئاساسلىقى پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدا يۈز بەرگەن. بۇ سەۋەبلىك پەلەستىننىڭ يېقىنقى بەش يىلدا مۇخبىرلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك دۆلەتكە ئايلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

«مۇھاپىزەتچى گېزىتى»نىڭ 12-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى مۇخبىرلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، بۇنى «مىسلى كۆرۈلمىگەن قەتلىئام» دەپ تەسۋىرلىگەن. خەلقئارا ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا 104 ژۇرنالىست ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، دوكلات ھەر قايسى دۆلەت رايونلاردىكى ژۇرنالىستلارغا زىيانكەشلىك قىلىش پەرقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

خەلقئارا ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل دۇنيا مىقياسىدا 550 مۇخبىر تۈرمىگە تاشلانغان بولۇپ، بۇ سان بۇلتۇرقىدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە مۇخبىرلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك رايون خىتاي، بېرما ۋە ئىسرائىلىيە بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردە مۇخبىر ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ يىل 55 مۇخبىر گۆرۈگە ئېلىنغان بولۇپ، 95 مۇخبىر يوقاپ كەتكەن، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن داۋاملىق ئەندىشە قىلماقتىكەن.

«چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى» ھەر يىلى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئاخبارات ئەركىنلىكى بويىچە باھالاپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي ئىزچىل تەرىقىدە ئاخبارات ئەركىنلىكى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا تىزىلىپ كەلمەكتە. مەزكۇر تەشكىلات خىتاينىڭ دۇنيا بويىچە ژۇرنالىستلارنى ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، قامالغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى پاش قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2147 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2024 16:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق