چاقماق خەەر

خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمىنى كېڭەيتمەكتە

خىتاي رېجىمى ئىلگىرى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، غەربىي رايوننى ئېچىش» نامىدا خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش» نامىدا خىتاي شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىش توختاملىرىنى ئىمزالىغان ۋە ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10-دېكابىر خوتەن شەھىرىدە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 4-مەيدان شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش» تېمىسىدا تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتكە ئالاقىدار ئورۇنلار، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان» 19 خىتاي ئۆلكىسى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى 400 دىن ئارتۇق شىركەت ۋەكىلى قاتناشقان.

كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا، ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى»دىن 105 ى ئىمزالانغان بولۇپ، كېلىشىم سوممىسى 122 مىليارد 945 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مەبلەغ سېلىش كېلىشىم تۈرى 68، رامكا كېلىشىمى تۈرى 37 ئىكەن.  خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاش كارخانا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى، ئەمگەك كۈچى چىقىرىش كېلىشىمى، زاكازلىق تەربىيەلەش كېلىشىمى قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، تۈرلەر يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، يېشىل كانچىلىق، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى خىتاي شىركەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ سېلىشقا ئۈندەپ، بۇ يىل قاراماي شەھىرى، كورلا شەھىرى، غۇلجا شەھىرىدە ئاتالمىش «شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش» نامىدا ئۈچ مەيدان تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان.

كېلىشىم ئىمزالانغان تۈرلەر ئىچىدىكى «ئەمگەك كۈچى چىقىرىش كېلىشىمى» دىققەت تارتىدىغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېزا-قىشلاقلىرىغا «ئەمگەك كۈچى چىقىرىش كېلىشىمى» بىلەن خىتاي شىركەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغان. خىتاي بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرمەكتە.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئالدىنقى ئايدا تۇنجى تۈركۈمدە شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش، ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن جەمئىي 72 خىتاي كارخانىسى بارغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇلارنى يەنە بىر قىسىم شىركەت-كارخانىلاردا، ئورگانلاردا زىيارەت قىلدۇرغان. خىتاي بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق ئىشسىز قالغان خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئاتالمىش «ئىشقا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش» نامىدا شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرگەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى سەۋەبلىك كۈچلۈك تەنقىد ۋە بېسىمغا دۇچ كەلگەن. خىتاي بۇ جىنايى قىلمىشىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىپ تۈرلۈك يالغان تەشۋىقاتلىرىنى قىلماقتا. خەلقئارا جەمئىيەتتىن خىتايغا يېقىن دۆلەت ۋە ئورگان خادىملىرىنى ھەقسىز شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايى قىلمىشىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

ھالبۇكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، دىنىي باستۇرۇش، بارلىق دىنى قائىدىلەر ۋە ئىبادەتلەرنى چەكلەش، جازا لاگېرىغا كەڭ كۆلەملىك قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، سۈرگۈن قىلىش، تۇغۇت چەكلەش، ئۆسمۈرلەرنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاش... قاتارلىق سانسىزلىغان ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنى ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر يەنە خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى داۋاملىق ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا ئەللىرىگە توسالغۇسىز يوللىنىپ تۇرغان. جۈملىدىن، بۇ يىل 8-ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قورغاس، ئالاتاۋ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنىغان خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 10 مىڭ قېتىمدا ئېشىپ كەتكەن. پەقەت ئالاتاۋ تۆمۈريول چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنايدىغان خىتاي-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسىلا 120 گە يەتكەن بولۇپ، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ئەنگلىيە قاتارلىق 21 دۆلەتكە تۇتاشتۇرۇلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى رەسمىي ماقۇللاپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن بۇيان، كۆپلىگەن خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئەمەلدارلار ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش سەۋەبلىك جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4104 قېتىم كۆرۈلدى
13/12/2024 15:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق