كانادا خىتاينىڭ سەككىز ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزدى

كانادا يەرشارى ئىشلىرى مىنىستىرلىقى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ۋە تىبەت، فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرىنى باستۇرۇشقا چېتىلغان سەككىز خىتاي ئەمەلدارىغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى، 10-دېكابىردىن تارتىپ جازانىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كانادا ھۆكۈمىتى ئورگان تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كانادا ھۆكۈمىتى كانادانىڭ «خىتاي ھەققىدىكى ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەدبىر نىزامى»غا ئاساسەن قوللانغان تەدبىردە كانادا ۋە كانادا سىرتىدىكى كانادا پۇقرالىرىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش، مال-مۈلۈك، سودىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق مۇئامىلىدە بولۇش مەنئى قىلىدىكەن.

نىزامنامىدىكى كونكرېت چەكلىمىدە نىشانلىق شەخسلەر، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان سابىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ياكى نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بار ئىكەن.

جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قورچاق رەئىسى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ سابىق سېكرېتارى چېن چۈەنگو، خىتاي قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم» رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ سابىق قورچاق رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي مەسلىھەت يىغىنىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پېڭ جيارۈي، «تىبەت ئاپتونوم رايونى»نىڭ سابىق پارتىيە سېكرېتارى ۋۇ يىڭجيې، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق پارتىيە كومىتېتى سېكرېتارى خۇ ليۇجۈن، ئاتالمىش «تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق» ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ج خ مىنىستىرلىقى پارتىيە كومىتېتىنىڭ كاتىپى جاڭ خوڭبو،  خىتاي كومپارتىيەسى ئىتتىپاقلىق كومىتېتىنىڭ سابىق باشلىقى يوۋ چۈەن قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2361 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2024 19:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق