رۇسىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئەمەلدارى مېدۋېدېۋ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن بېيجىڭغا بارغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 11-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، مېدۋېدېۋ رۇسىيە ئالىي بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، بۇ زىيارەت موسكۋا بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن. ھەر ئىككى تەرەپ 2022-يىلى 2-ئايدا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەرگەن.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندرېي بېلوسوۋ ئۆكتەبىر ئېيىدا خىتاينى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ سۆھبەتنىڭ مۇداپىئە ۋە ھەربىي ساھەنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
رۇسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ موسكۋانىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاپ كەلگەن ئەڭ كەسكىن كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
ئۇ ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ، رۇسىيەدىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق موسكۋانى يادرو قورال ئىشلىتىشكە كۈشكۈرتۈش ھەرىكىتىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانىدى. ئۇ شۇ ۋاقتىدىكى سۆزىدە، غەربنى رۇسىيەنى ھەرگىزمۇ مەلۇم سىزىقتىن ئۆتمەيدۇ، دەپ ئويلاشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ