ئاۋسترالىيە بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى خىتايغا قارشى كېلىشىم ئىمزالىدى

ئاۋسترالىيە بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى خىتاينى نىشانلىغان بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىدى.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم تىنچ ئوكيان بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ رايوندىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. باش مىنىستىر ئانتونىي ئالبانىيە ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى باش مىنىستىرى جامېس ماراپې بۇ كېلىشىمنى بىرلىكتە ئېلان قىلغان.

بۇ قەدەم ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتتە تىنچ ئوكياندىكى دىپلوماتىك ئالاقىسىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ سولومون تاقىم ئارىلى 2022-يىلى خىتاي بىلەن بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن بۇيان بۇ خىل قارشىلىشىش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1760 قېتىم كۆرۈلدى
12/12/2024 18:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق