دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، 10-دېكابىر ئىستانبۇلغا جايلاشقان رامى كۇتۇپخانىسىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدىكى 2024-يىللىق ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئورۇنلاشتۇرغان مەزكۇر يىغىنغا تۈركىيەدىكى بىر قىسىم پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى، تەشكىلات مەسئۇللىرى، ژۇرنالىستلار ۋە جامائەت ئەربابلىرى قاتناشتى.
قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان يىغىندا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەلى روزى ئۆزئۇيغۇر ئايرىم-ئايرىم ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئۇدۇن جەمئىيەتنىڭ خىزمەتلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى فەياز پىنار قىلىنچ خانىم جەمئىيەت تەييارلىغان شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدىكى 2024-يىللىق دوكلات ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
يىغىننىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا ۋىلدان كادىئوغلى سارىياشار «ئىنسان ھەقلىرى ئۇقۇمى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» تېمىسىدا، زەبىنىسو كامالوۋا «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق – سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئانالىز» تېمىسىدا، ھىلال دۇۋار «خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئاساسەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تېمىسىدا، ئابدۇرېشىد ئەمىنھاجى «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە خەلقنىڭ تەشەببۇسكارلىقى» تېمىسىدا سۆز قىلدى. يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئۇلار قاتناشقۇچىلارنىڭ ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
يىغىن جەريانىدا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر قىسىم سۈرەتلەر ۋە ئۇيغۇر كۈلتۈرىگە ئالاقىدار تۈرلۈك بۇيۇملار كۆرگەزمە قىلىندى.