ئامېرىكا تور ھۇجۇمىغا قاتناشقان خىتاي شىركىتى ۋە شەخسكە جازا يۈرگۈزدى

ئامېرىكا كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلەنگەن خىتاي شىركىتى ۋە شەخسكە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 10-دېكابىر بىر خىتاي شىركىتى ۋە ئۇنىڭ بىر خىزمەتچىسىگە 2020-يىلى 4-ئايدا تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقى سەۋەبلىك ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى خىتاي شىركىتى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى سەۋەبلىك، ئامېرىكىنىڭ سودا جازاسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا قاتناشقان، دەپ ئەيىبلەنگەن ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلەر بولسا سىچۈەن سىلانس ئۇچۇر تېخنىكا شىركىتى ۋە ئۇنىڭ گۈەن تيەنفېڭ ئىسىملىك بىر خىزمەتچىسى ئىكەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تاشقى مۈلۈكنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى بۇ ھەقتە: «بۇ جازا خىتايدا تۇرۇشلۇق مەزكۇر خىزمەتچى ۋە ئۇ ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ تور ھۇجۇمىغا قارىتىلدى» دېگەن.

مەزكۇر تور ھۇجۇمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكىدىكى ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە چېتىلىدىكەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى باياناتىدا «يامان غەرەزلىك تور ھۇجۇمى قوزغىغۇچىلار، جۈملىدىن خىتايدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلار ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ ۋە ئىزچىل ساقلىنىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ بىرى» دەپ تەكىتلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 2020-يىلى 22-ئاپرېلدىن 25-ئاپرېلغىچە سىچۈەن سىلانس شىركىتىنىڭ بىخەتەرلىك تەتقىقاتچىسى گۈەن تيەنفېڭ يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتال ئىشلىتىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەخمىنەن 81 مىڭ تور مۇداپىئەسى ئۈسكۈنىسىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، مەخپىي نومۇرى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئوغرىلىغان. بۇلارنىڭ 23 مىڭدىن كۆپرەكى ئامېرىكىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 36 سى ئامېرىكىنىڭ مۇھىم ئۇل ئەسلىھە شىركەتلىرىدىكى سىستېمىلارنى قوغدايدىكەن.

مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئېغىر زىيان، ھەتتا ھاياتىدىن ئايرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ بىرى نېفىت بۇرغىلاش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ بىر ئېنېرگىيە شىركىتى ئىكەن. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا بۇ تور ھۇجۇمى بايقالمىغان بولسا، بۇرغىلاش سۇپىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ، ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 254 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2024 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق