خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى

خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراۋاتقان بولۇپ، ۋىيېتنام بىلەن ھىندونېزىيە ئارقا-ئارقىدىن چەكلەش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندونېزىيە بۇ يىل ئۆكتەبىردە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى Temuنى چەكلىگەن بولۇپ، يېقىندا ۋىيېتناممۇ خىتاينىڭ تور سودا سۇپىلىرىدىن Temu ۋە SHEIN دىن تىجارىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ۋىيېتنام بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ چەكلەش ھەرىكىتى خىتاي مال سېتىش سۇپىلىرىنىڭ يەرلىكتىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا ئېغىر تەھدىت سالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، خەلق ھۆكۈمەتنى مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىشقا مەجبۇرلىغان. بۇنىڭدىن باشقا، خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بازارنى ئىگىلەش ئۈچۈن يەرلىكنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەلىپىگە ئەمەل قىلمايدىغان بولغاچقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ كەلگۈسىدە خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىغا قارىتا چەكلەش تەدبىرلىرىنى تەدرىجىي يولغا قويۇشى مۇمكىن ئىكەن.

Temu سۇپىسىدىكى نۇرغۇن مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇتلاردىن سېتىۋالغۇچىلارغا بىۋاسىتە ئەۋەتىلىدىغان بولغاچقا، مال باھاسى ئەرزان بولىدىكەن. خىتاينىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ سۈپىتى تەكشى بولمىغاندىن باشقا، بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندونېزىيە بۇ يىل ئۆكتەبىردە Temu نىڭ، 2021-يىلى 7-ئايدا SHEIN نىڭ ھىندونېزىيەدىكى مۇلازىمىتىنى توختاتقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 244 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2024 14:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق