ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان تۈرلۈك جازالىرى تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، نويابىر ئېيىدا خىتاينىڭ رۇسىيەدىن قىلغان ئىمپورت-ئېكسپورتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خىتاي تاموژنىسىنىڭ 10-دېكابىردىكى ئۇچۇرلىرىنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي پۇلى بويىچە ھېسابلىغاندا، خىتاينىڭ رۇسىيەگە قىلغان ئېكسپورتى ئالدىنقى ئايدا ئويلىمىغان يەردىن ئىككى خانىلىق سان بويىچە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، 10-ئايدىكى %24 لىك ئېشىشقا سېلىشتۇرغاندا ئېغىر ناچارلاشقان. خىتاي ئىقتىسادىدىكى بۇ ئەھۋال تۆت ئايدىن بۇيانقى تۇنجى چۈشۈش ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 11-ئايدا خىتاينىڭ رۇسىيەگە قىلغان ئېكسپورتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.5 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ يىل 7-ئايدىن بۇيانقى تۇنجى تۆۋەنلەش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. خىتاي پۇلى بويىچە بولغاندا، خىتاينىڭ رۇسىيەگە قىلغان ئىمپورتى ئالدىنقى ئايدا %7.4 تۆۋەنلىگەن. 10-ئايدىكى %4.3 گە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنلەش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان. ئىككى تەرەپلىك سودا ئومۇمىي سوممىسى 145 مىليارد 900 مىليون يۈەن (تەخمىنەن 20 مىليارد 500 مىليون دوللار) بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %5 تۆۋەنلىگەن.
دوللار بويىچە ھېسابلىغاندا، خىتاينىڭ رۇسىيەگە قىلغان ئېكسپورتى %2.5، ئىمپورتى %6.5 تۆۋەنلىگەن. ئەمما خىتاي تاموژنىسى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ تەپسىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن 4-دېكابىر رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا پائالىيىتىدە يولۇققان ئاساسلىق توسالغۇنىڭ ئۆزئارا چىقىم قىلىش ۋە راسچوت قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىككى تەرەپنىڭ مەركىزىي بانكىلىرى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ جازاسىنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، خىتاي سودىگەرلەر ۋە خىتاي بانكىلىرى جازادىن قېچىش ئۈچۈن رۇسىيەگە بىۋاسىتە پۇل تۆلەشنى خالىمىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ