قوراللىق گۇرۇپپىلار بېرمىنىڭ ئاساسلىق غەربىي چېگراسىنى كونترول قىلغان

بېرما ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەڭ كۈچلۈك ئاز سانلىق مىللەت قوراللىق گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاراكان ئارمىيەسى بېنگال بىلەن چېگرالىنىدىغان 271 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرا رايونىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك غەربى شەھەر مائۇڭداۋدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەربىي قاراۋۇلخانىنى ئىگىلىگەن. بۇ ئاراكان ئارمىيەسى شىمالىي راخىن ئىشتاتىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلغانلىقىدىن، بۇ قوراللىقلارنىڭ ئۇ يەردىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، راخىن ئىشتاتى بېرمىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. ئىچكى ئۇرۇشتا دېموكراتىيەنى قوللايدىغان پارتىزانلار ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى تەلەپ قىلغان ئاز سانلىق مىللەت كۈچلىرى بېرمىنىڭ ھەربىي ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭ ئېلان قىلغان. بېرمىنىڭ ھەربىي ھۆكۈمرانلىرى 2021-يىلى سايلانغان سابىق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانىدى.

ئاراكان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى خەيڭ تۇكخا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا 9-دېكابىر كەچتە نامەلۇم ئورۇندىن كەلگەن قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ تەشكىلاتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى مائۇڭداۋدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەربىي ئورۇننى ئىگىلىۋالغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئورۇننىڭ بېرېگادا كوماندىرى ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغاندا قولغا ئېلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 278 قېتىم كۆرۈلدى
11/12/2024 09:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق