خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى خىتاينىڭ باستۇرۇشنى تېخىمۇ كېڭەيتكەنلىكىنى، زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 10-دېكابىر «خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى»نىڭ 74 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئامېرىكىدا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشكەن تەشكىلاتلار 2024-يىلى خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتكەنلىكىنى، مەھبۇسلارنى تېخىمۇ كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدا ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ياكى شى جىنپىڭ ھەققىدە پىكىر بايان قىلغۇچىلار قولغا ئېلىنغان. خىتاي رېجىمىنىڭ ئۆكتىچىلەرگە قارىتىلغان ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كۈنسېرى ۋەھشىيلەشكەن. مەھبۇسلارنىڭ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئەھۋالى كۈنسېرى قىيىنلاشقان.
سىياسىي، ئىجتىمائىي، دىنىي ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىتايدا ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش مەقسىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان، پايدا ئالمايدىغان «خىتاي ئىنسانپەرۋەرلىكى» ناملىق تەشكىلات 7-دېكابىر سان فىرانسىسكودا خىتاينىڭ 2024-يىللىق ئىنسان ھەقلىرى ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا 2024-يىلى خىتاينىڭ تۈرلۈك دەپسەندىچىلىكلىرى پاش قىلىنغان.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئىنسان ھەقلىرى ئادۋوكاتلىرى خىتايدا داۋاملىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى چەكلەنگەن. خىتايدا بىر قىسىم داڭلىق ئادۋوكاتلار، سىياسىي پائالىيەتچىلەر، تۈرلۈك دىنلارغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ۋە ۋىجدان مەھبۇسلىرى قولغا ئېلىنغان ۋە جازاغا تارتىلغان.
خىتايدىكى سىياسىي مەھبۇسلارغا كۆڭۈل بۆلۈش سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە خىتايدا قامالغان 1700 دىن ئارتۇق تونۇلغان ۋىجدان مەھبۇسلىرى بار بولۇپ، تونۇلمىغانلىرى تېخىمۇ كۆپ ئىكەن.
ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى ئامېرىكا ئاۋازىغا: «ئەمەلىيەتتە، خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋىجدان مەھبۇسلىرى تېخىمۇ كۆپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىستاتىستىكىغا كىرگۈزۈلمىگەن. ھازىر خوڭكوڭدىلا 1500 دىن ئارتۇق سىياسىي مەھبۇس بار. خىتاينىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ئەھۋالى خوڭكوڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ. بۇ نوپۇس نىسبىتىگە ئاساسەن، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا كەم دېگەندە يۈزمىڭلىغان ۋىجدان مەھبۇسلىرى بار» دېگەن.
ئۇلار يەنە خىتايدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، زور تۈركۈمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقى، خىتاينىڭ رەسمىي مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ %5 كە يېتىدىغانلىقى، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئۇندىن باشقا، 2024-يىلى فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ئىچىدىن 863 كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان خىرىستىيانلار ۋە باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئۇندىن باشقا سەۋەبلىك قولغا قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سانى تېخىچە ھېسابلانمىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ