تەيۋەن: يېقىن ئەتراپتا خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ سانى بىر ھەسسە كۆپەيدى

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 8-دېكابىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلىدىغان ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ سانىنى بىر ھەسسە كۆپەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدې ئالدىنقى ھەپتە تىنچ ئوكيان سەپىرىدە ھاۋاي ۋە گۇئام ئارىلىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بىر ھەپتىلىك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 6-دېكابىر كەچتە تەيۋەنگە قايتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان بولۇپ، تەيۋەن ئەتراپىدىكى خىتاي ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ سانىنى بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپەيتكەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كۈندىلىك دوكلاتىدا خىتاينىڭ ھەربىي پائالىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاينىڭ 14 ئۇرۇش پاراخوتى يېقىن ئەتراپتا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، بۇ سان ئالدىنقى كۈنىدىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە خىتاينىڭ تۆت دانە ھاۋا شارىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى، بىر شارنىڭ تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىدىن يانداپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 932 قېتىم كۆرۈلدى
09/12/2024 17:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق