سۇرىيەدە ئون نەچچە يىل داۋاملاشقان ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ئاخىرلاشتى

سۇرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى پايتەخت دەمەشقنىڭ كونتروللۇقىنى يوقاتقان بولۇپ، ئەسەدكە قارشى كۈچلەر 8-دېكابىر سۇرىيە پايتەختى دەمەشقنى كونترول قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقنىڭ 8-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، بەششار ئەسەد ئائىلىسى بىلەن بىرگە دەمەشقتىن ئايرىلىپ، رۇسىيەگە قاچقان بولۇپ، رۇسىيە ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە پاناھلىق بەرگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، 7-دېكابىر ئەسەدكە قارشى قوراللىق گۇرۇپپا دەمەشقنىڭ جەنۇبىي چەت ناھىيەلىرىگە كىرگەندىن كېيىن، ئەسەد كۈچلىرى نۇرغۇن جايلاردىن چېكىنىشكە باشلىغان. شۇ كۈنى كەچ ۋاقىتلىرىدا پايتەختنىڭ كۆپلىگەن مەھەللىرىدە ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلار باشلانغان بولۇپ، ھاكىمىيەت كۈچلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋە خەلقئارالىق ئايرودورۇمغا چېكىنگەن.

مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە جايلارغا نامايىشچىلارنىڭ كىرىشى بىلەن ئەسەد كۈچلىرى پايتەختتە ئاساسىي جەھەتتىن كونتروللۇقىنى يوقاتقان. دەمەشقتە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان ۋە قىيىن-قىستاقلىرى بىلەن تونۇلغان سەيدنايا تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارمۇ تۈرمىگە بېسىپ كىرگەن نامايىشچىلار تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۇلغان.

سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ غەربىي يېزا-قىشلاق رايونىدا 27-نويابىردا ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى بىلەن ھاكىمىيەتكە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇش باشلانغان بولۇپ، 11 كۈن ئىچىدە ئەسەد رېجىمى ۋەيران بولغان.

ھەلەب مەركىزىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھاكىمىيەت كۈچلىرىدىن تارتىۋالغان ھاكىمىيەتكە قارشى گۇرۇپپىلار ئىدلىب رايونىنىمۇ كونترول قىلغان. ئارقىدىن ھاما، خۇمۇس ۋە دەرا ۋىلايەتلىرىنىڭ كونتروللۇقىنىمۇ قولىغا ئالغان. سۇرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سۇۋەيدا ۋىلايەت مەركىزىمۇ 7-دىكابىر ئەسەدكە قارشى گۇرۇپپىلارنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن. 8-دېكابىر سۇرىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرى شۇنداقلا تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى سۇرىيە خەلقى بايرام شادلىقىغا چۆمگەن.

ئىسلام دۇنياسى، شۇنداقلا ئىسلامىي تەشكىلاتلار، ھەتتا غەيرى ئىسلام دۆلەتلىرىمۇ سۇرىيە خەلقىنىڭ 12 يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن قۇتۇلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. جۈملىدىن خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى باياناتىدا سۇرىيە خەلقىنىڭ مۇستەبىت بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقى تەبرىكلىدى.

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى باياناتىدا ھۆر سۇرىيە خەلقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، سۇرىيە خەلقىگە غەلىبە ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىپ، زالىمنى ۋەيران قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 12 يىل داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبلىك بىر مىليونغا يېقىن سۇرىيە خەلقى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 20 مىليوندىن  ئارتۇق سۇرىيە خەلقى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى سەۋەبلىك باشقا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ كۆپ سانلىقى قوشنا دۆلەت تۈركىيەدە پاناھلانغان بولۇپ، قالغانلىرى ئىيوردانىيە، لىۋان، ئىراق، ئىران ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە كۆچمەن بولغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئەسەدكە قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ مەسئۇللىرى چەتكە كۆچۈپ كەتكەن سۇرىيە خەلقنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشقا چاقىرىق قىلغان بولۇپ، چاقىرىقتىن كېيىن تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر سۈرگۈندە تۇرۇۋاتقان سۇرىيە خەلقى ۋەتىنىگە قايتىشقا باشلىغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ سۇرىيە ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ سۇرىيە ۋەزىيىتىگە ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، سۇرىيەنىڭ بالدۇرراق مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، خالىغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەر ۋە تەرتىپلىك ھالدا سۇرىيەدىن ئايرىلىشىغا ئاكتىپ ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن ئىزچىل ئالاقىنى ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاي ئالدىنقى ھەپتە بەششار ئەسەد رېجىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

خىتاي باياناتچى يەنە سۇرىيەدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان ھەمدە خىتاينىڭ سۇرىيىدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ يەنىلا مۇستەھكەم تۇرغانلىقى، خىتاي ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغان خىتاي پۇقرالىرىغا داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 937 قېتىم كۆرۈلدى
09/12/2024 16:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق