پاراگۋاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي دىپلوماتىنى قوغلاپ چىقىرىش ۋەقەسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاراگۋاي ھۆكۈمىتى 5-دېكابىر خىتاينىڭ بىر دىپلوماتىيە ئەمەلدارىنىڭ دۆلەتتىن قوغلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى مەزكۇر ئەمەلدار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت يىغىنى مەزگىلىدە پاراگۋاينىڭ خىتاينى قوللايدىغان ئۆكتىچى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە تەيۋەن بىلەن تاشقى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، خىتاي بىلەن تاشقى مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەققىدە قۇتراتقۇلۇق قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 6-دېكابىردىكى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا پاراگۋاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، پاراگۋاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ لاتىن ئامېرىكا ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى شۈ ۋېينى پاراگۋاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، دەپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ۋىزىسىنى بىكار قىلغان ۋە 24 سائەت ئىچىدە چېگرادىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۈ ۋېي پاراگۋاينىڭ خىتاينى قوللايدىغان ئۆكتىچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىككى ئەزاسى بىلەن كۆرۈشكەندە: «پاراگۋاي تەيۋەننىڭ ئورنىغا خىتاينى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. بۇ تاللاش پۇرچاق ئېكسپورت قىلغۇچى پاراگۋايغا پايدىلىق» دەپ پاراگۋاينى تەيۋەندىن يۈز ئۆرۈپ، خىتايغا مايىل بولۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان.
پاراگۋاي ھازىرغا قەدەر تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالغان 12 دۆلەتنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ